تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولايلى

− نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش بولدى!

7- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن يېڭى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى كۆرسىتىپ بەردى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 45 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى، ئاساسلىق ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى «ئاساسىي موتور»لۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يەنىمۇ ئاشتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئۆستى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللار كۆپەيدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايغان ئەھۋالدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يەنىلا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى ساقلاپ، ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور ئېلاستىكلىقى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئايلىنىش ئىمكانىيىتىنى نامايان قىلدى.

چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، بىزنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز تولىمۇ ئاسان ئەمەس. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پۇختا پىلان تۈزۈپ يىراقنى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى ۋە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش يۆنىلىشى، رىتىمى، سالمىقىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، پائال ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى پۇختا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار تامامەن توغرا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتىكى پىشقان ئىقتىدارغا ئىگە، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۈكسەك ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە، بۇ بىزنىڭ بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشىمىزدىكى تايانچ، ئۆلچىگۈچ.

كېيىنكى يېرىم يىلدا، بىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىمىز، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ھازىر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى شارائىتىدا چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، لېكىن بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلساقلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت جەھەتتە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتەك ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇرەككەپ بولسىمۇ، كۆپ نۇقتا، كۆپ تەرەپتىن ئويلىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا، كېمە دەريادا ماڭغاندەك پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتساقلا، بىز چوقۇم ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىيالايمىز، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى