تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى

جىمىسار ناھىيەسى دايوۋ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ما ۋېييۇڭ

مەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن - دۇڭسەن رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرىدىكى بىر يېزا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مېنىڭ ئائىلەم كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە: بوۋام خەنزۇ، مومام خۇيزۇ، كىچىك ئاپام ئۇيغۇر، يېزنەم خەنزۇ، خوتۇنۇممۇ خەنزۇ. دادام قازاقچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ. كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئائىلە ماڭا كىچىكىمدىنلا ھەر مىللەتنىڭ مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ئىكەنلىكىنى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئوي پىكرى ۋە ئىش - ھەرىكىتى بىر يەردىن چىقىدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى، بىر - بىرى ئارىسىدا قويۇق مېھىر - مۇھەببەت تولۇپ تاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىچىك ۋاقتىمدا ھەر قېتىمقى روزا ھېيت، قۇربان ھېيتتا، كەنتتىكى ھەر مىللەت كىچىك دوستلار ئۆزئارا ھېيتلىشاتتۇق، بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ فېنتاڭ ئىچەتتۇق، پوشكال يەيتتۇق. چاغان ۋە جۇڭچيۇ بايرىمى كەلگەندە، ھەر مىللەت كىچىك دوستلار خەنزۇ كىچىك دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ كەمپۈت، يۆبىڭ يەيتتۇق. كىچىك دوستلار بىرلىكتە شاد - خۇراملىققا چۆمۈلۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتۇق.

مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، مەن ئۈچ ياشلىق ئىنىم بىلەن ئۆيدە قالاتتىم، بىزگە قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى، ئەنخۇيلۇق قوشنىمىز سۈن مومام بىزگە ياردەملىشىپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالاتتى. 1986- يىلى، ئائىلىمىز بىر رەڭسىز تېلېۋىزور سېتىۋالدى، قوشنىلىرىمىز ئۆيىمىزگە كىرىپ تېلېۋىزور كۆرەتتى، ئاتا - ئانام گازىر، خاسىڭ قاتارلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەر بىلەن قوشنىلارنى كۈتەتتى، يۇرتداشلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ خۇددى كىنو كۆرگەندەك تېلېۋىزور كۆرەتتى، ئۇ مەنزىرە ناھايىتى ئىللىق ئىدى.

ھازىر مېنىڭ خوتۇنۇم بىلەن ھەمدەم بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزغا 12 يىل بولدى، ئوغلۇم بۇ يىل سەككىز ياشقا كىردى. ئوغلۇم ھەمىشە مەن ۋە خوتۇنۇمدىن ئۆزىنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى سورايدۇ، بىز دائىم ئۇنىڭغا: «سەن خەنزۇ ھەم خۇيزۇ، بىز ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتى» دەيمىز. ئوغلۇمنىڭ گۆدەك قەلبىگە بۇرۇنلا مۇھەببەتنىڭ مىللەت ئايرىمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇرۇق سېلىندى.

پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىدا، مەن تەدرىجىي پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىلدىم. بۇ مۇساپەمدە، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى بىلەن، مەن يېزا - بازار كادىرىلىق ئورنىغا قەدەم قويدۇم، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى