تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

كىشىگە رومانتىك تۇيغۇ بېغىشلايدىغان باغراش كۆلى گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى ياۋ، نىيەن لېي فوتوسى، خەۋىرى) : 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، «جۇڭگو شىخەي. باغراش كۆلى گۈل دېڭىزى» 2019-يىللىق گۈل سەيلىسى پەسىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسىدا باشلىنىپ، «باغراش گۈل دېڭىزى. گۈل سەيلىسى پەسلى» باش تېما قىلىنغان يېزا-كەنت ساياھەت بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
    بۇ قېتىملىق گۈل دېڭىزى ساياھەت پەسلى، گۈل دېڭىزىدىن ھۇزۇرلىنىش ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، يېمەك-ئىچمەك كوچىسى، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار ئۈزۈش شادلىقى ساياھىتى، خاسلىققا ئىگە دېھقانلار ئارامگاھى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتى ساياھىتى، مىللىي پۇقراۋى تۇرالغۇلار كۆرگەزمىسى قاتارلىق 10 نەچچە تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق ساياھەت پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن ساياھەت، ئىستراھەت كۈتۈنۈشنىڭ ساياھەت ئىدىيەسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە گۈل دېڭىزى رومانتىك ساياھەت بايرىمىنى ھېس قىلدۇردى.
    «باغراش گۈل دېڭىزى. گۈل سەيلىسى پەسلى» پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى ئۈچ ئاي بولۇپ، 7-ئاينىڭ باشلىرىدا باشلىنىپ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇلان جېكسېن يېزىسىدىكى 1500 مو گۈل دېڭىزىدىكى 24 خىلدىن كۆپرەك گۈل ئېچىلىپ، بىر گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
    كورلا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى شۈ ياڭ مۇنداق دېدى :«بۇ يەر ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن، ئىشىكتىن چىقىپلا گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ھاۋاسىمۇ ياخشىكەن، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغۇم بار.»

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى