7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ماھىرلار «بالىلار پىروگرامما تۈزۈش مۇسابىقىسى»گە قاتناشماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك «مەكتەپ سىرتى مائارىپ لوڭقىسى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ ماشىنا ئادەم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شىجياجۇاڭدىكى خېبېي سىفەن داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈر رىقابەت مۇسابىقىسى، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، ئۆسمۈرلەر پىروگرامما تۈزۈش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
(لو شۆفېڭ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئۆزى لايىھەلەپ ياسىغان «ئاپتوماتىك تايلاش ماشىنىسى»نى قۇراشتۇرماقتا.
7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار «ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى» جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.