تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى ئونسۇ شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى كومسومول بازىرى يۇقىرىقى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، باغۋەنلەر بىلەن بىللە ئالمىلارغا خالتا كىيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
يۇقىرىقى مەھەللە كەنتىدە 700 مو كۆلەمدە ئورگانىك ئالمىزارلىق بولۇپ، ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلارنى ئالمىلارغا خالتا كىيگۈزۈشكە پائال تەشكىللەپ، باغۋەنلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى ئاز، ۋاقتى قىس، خالتا كىيدۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەنتتىكى 46 ئائىلىلىك باغۋەننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئالمىلارغا خالتا كىيدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل بولۇپ، ئالمىلارغا خالتا كىيدۈرۈش ئارقىلىق دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن بۇلغىنىشىنى ئازايتىپلا قالماستىن، يەنە ئالمىلارنى تېخىمۇ تەملىك قىلىپ، سېتىلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدىكەن.
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ليۇ شۈي تەمىنلىگەن)