تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يولداش لى پېڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. خۇ جىنتاۋ باشقا جايدا بولغاچقا، گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈردى

يولداش لى پېڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لى پېڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

7- ئاينىڭ 29- كۈنى، يولداش لى پېڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن قاتارلىقلار باباۋشەنگە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى، خۇ جىنتاۋ باشقا جايدا بولغاچقا، گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لى پېڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي ھال سورىماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 13- نۆۋەتلىك، 14- نۆۋەتلىك، 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى يولداش لى پېڭنىڭ جەسىتى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

يولداش لى پېڭ كېسەل سەۋەبىدىن 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 23تىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش لى پېڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لى پېڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

7- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى بوش ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش لى پېڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىگە يولداش لى پېڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش لى پېڭنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش لى پېڭنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش لى پېڭنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش لى پېڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى. خۇ جىنتاۋ باشقا جايدا بولغاچقا، گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ، يولداش لى پېڭنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش لى پېڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى