تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يولداش لى پېڭنىڭ ھاياتى

سۈرەت ①: 1988- يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ بىلەن يولداش لى پېڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ فۇجيەن زالىدا پاراڭلاشماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى پىڭ فوتوسى)

سۈرەت ②: 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى يېپىلىش ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يولداش لى پېڭ بىلەن بىللە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)

سۈرەت ③: 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، يولداش جياڭ زېمىن يولداش لى پېڭ بىلەن بىللە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)

سۈرەت ④: 2007- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، پارتىيە 17- قۇرۇلتىيى يېپىلىش ئالدىدا، يولداش خۇ جىنتاۋ يولداش لى پېڭ بىلەن بىللە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان سۈرەت)

سۈرەت ⑤: 1949- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، يولداش لى پېڭ (ئارقا رەت سولدا) سوۋېت ئىتتىپاقى ئىۋانوۋو ئېنېرگىيە شۆيۈەنىدە ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە ھەم رۇس تىلىنى تەكرار قىلىۋاتقاندا رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى فېدوروۋا (ئالدىنقى رەت سولدىن 3- كىشى) ھەم ساۋاقداشلىرى بىلەن چۈشكەن ئوپچە سۈرەت. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

سۈرەت ⑥: 1959- يىلى، يولداش لى پېڭ فېڭمەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

سۈرەت ⑦: 1986- يىلى، يولداش دېڭ يىڭچاۋ ۋە يولداش لى پېڭ ھەم رەپىقىسى جۇ لىن بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدىكى شىخۇاتىڭدا بىرلىكتە چۈشكەن سۈرەت. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شىنچىڭ فوتوسى)

سۈرەت ⑧: 1992- يىلى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى، يولداش لى پېڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شېڭنەن فوتوسى)

سۈرەت ⑨: 1996- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، يولداش لى پېڭ ئايرىلغىنىغا 50 يىل بولغان يەنئەنگە قايتىپ، يەنئەن رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق بىلەن بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزدى. چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، يولداش لى پېڭ زاۋيۈەن كەنتى ياڭگىر ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي شەنشى ياڭگىرى ئوينىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جيەنگو فوتوسى)

سۈرەت ⑩: 1997- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سەھەردە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى قۇرۇش ھەم ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى شياڭگاڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدىكى شىنيى بىناسىنىڭ 7- قەۋىتىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تۇنجى باش مەمۇرى دۇڭ جيەنخۇا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى، يولداش لى پېڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جيەنگو فوتوسى)

سۈرەت : 1998- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يولداش لى پېڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يەن فوتوسى)

سۈرەت : 1998- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش لى پېڭ تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خې خوۋخۇاغا تەيىننامە بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 13- نۆۋەتلىك، 14- نۆۋەتلىك، 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى يولداش لى پېڭ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 23تىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش لى پېڭ، بۇرۇنقى ئىسمى لى يۈەنپېڭ، سىچۇەن چېڭدۇدىن، 1928- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى شاڭخەيدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىنقىلابىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، بالىلىق دەۋرىدە دادىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنقىلابىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلىپ، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئىرادە باغلىغان. 1939- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 1940- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە چۇڭچىڭ يۈسەي مەكتىپىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر گۇرۇپپىسىدا ئوقۇغان. 1941- يىلى 3- ئايدا، يەنئەنگە بېرىپ ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي نەزەرىيە ۋە پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنى تەييارلىق سىنىپى، يەنئەن ئوتتۇرا مەكتىپى، تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. 1945- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. يەنئەندىكى مەزگىلدە، ئۇ ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى، چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلىپ، ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە ئىنقىلاب غەلىبىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزغان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يولداش لى پېڭ پارتىيە تەشكىلىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان. 1946- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە جاڭجياكوۋ سانائەت مەخسۇس مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1946- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەنشى - چاخار - خېبېي توك ئىشلىرى شىركىتىنىڭ تېخنىكى، خاربىن ياغ زاۋۇتىنىڭ ياردەمچى دىرېكتورى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1948- يىلى 9- ئايدا، پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بېرىپ، موسكۋا ئېنېرگىيە شۆيۈەنىنىڭ سۇ ئېلېكتىر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. 1955- يىلى دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فېڭمەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى، باش ئىنژېنېرى بولغان، شەرقىي شىمال توك ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، فۇشىن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىستانسا باشلىقى بولغان. 1966- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى، بېيجىڭ توك ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە زەربىگە ئۇچرىغان، لېكىن ئۇ پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، كۈرەش ئېلىپ بارغان.

1979- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ، يولداش لى پېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە شىمالىي جۇڭگو توك ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سۇچىلىق - ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. ئۇ: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ قېتىم ئۆمەك باشلاپ چەت ئەلنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ئىجادىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئالدىن يولغا قويۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى مۇۋاپىق ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتىنى خۇلاسىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى توك يوللاش بېسىمىنى قوللىنىش ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ ئورۇن ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، كۆپ يول ئارقىلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سەنشيا، شياۋلاڭدى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ۋە چىنشەن، داياۋەن قاتارلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى، ئېلېكتىر تورىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. يولداش لى پېڭ ئۇزاق مەزگىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، يادرو ئېلېكتىر ئىشلىرىنىڭ مۇھىم بەرپاچىسى.

1983- يىلى 6- ئايدا، يولداش لى پېڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولۇپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. 1985- يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا كۆپەيتىپ سايلانغان. ئۇ «7- بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئېنېرگىيە، قاتناش جەھەتتىكى تەرەققىيات فاڭجېنىنى تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىپ، جۇڭغار كۆمۈر - ئېلېكتىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شېنفۇ دۇڭشېڭ كۆمۈرلۈكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، توشۇشنىڭ بىر ھېسابات بويىچە مېڭىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر بايلىقى تەمىناتىنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ: قاتناش - تىرانسپورتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چىقىش يولى ئىسلاھاتتا، ئۇنىۋېرسال بىرلىككە كەلگەن قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، پورتنىڭ ھوقۇق چېكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، تۆمۈريول چوڭ ھۆددىگەرلىكى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ ئاساسىي قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىناكارلىق ساھەسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ مۇھىم، زور تېخنىكا جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور جابدۇقلارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن قوراللىنىش ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، «مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئىمپورت قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» ئارقىلىق چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ پولات - تۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇشنىڭ بەش ماددىلىق سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاپتوموبىل سانائىتىدە بىرلەشمە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

1987- يىلى 11- ئايدا، يولداش لى پېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، شۇ ئايدا 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23- يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇۋەققەت زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1988- يىلى 4- ئايدا، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە دۆلەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، ئۇ تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئون يىللىق يىرىك پىلانى ۋە «8- بەش يىللىق»پىلاننى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشلارغا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى ۋە يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش ۋەزىپىسىنى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنداپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم، ماس تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت ياراتقان.

1989- يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدىكى سىياسىي بوران - چاپقۇندا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ۋەكىللىكىدىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ قەتئىي قوللىشىدا، يولداش لى پېڭ بايرىقى روشەن ھالدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى كۆپ ساندىكى يولداشلار بىلەن بىللە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ مالىمانچىلىقنى توسۇپ، ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى تىنجىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەيدان مۇھىم، زور كۈرەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

1989- يىلى 6- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولداش لى پېڭ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنىنى تەقدىم قىلغان.

1992- يىلى 10- ئايدا، يولداش لى پېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1993- يىلى 3- ئايدا، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى، تەشەببۇسىنى پائال قوللاپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 14- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «9- بەش يىللىق» پىلانىنى ۋە 2010- يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلىرىنى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

1997- يىلى 9- ئايدا، يولداش لى پېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1998- يىلى 3- ئايدا، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى بولۇپ سايلانغان، شۇ ئايدىن باشلاپ 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە - قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش لى پېڭ مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، دۆلەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركەز مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت پەن - تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتەپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مۇھىت ئاسراش ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، ئۇ دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك قىلغۇچىسى. ئۇ: تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنىكا ئاچقۇچ، مائارىپ ئاساس، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ «پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات پىروگراممىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان، «863» پىلانى، «973» پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويغان، پاتېنت تۈزۈمىنى ئورناتقان ۋە تېخنىكا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسى قۇرۇش ۋە جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بىر تۈركۈم ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتتا مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ۋە چوڭلار مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مائارىپ «211 قۇرۇلۇشى»، «985 قۇرۇلۇشى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىگە زور تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلىگۈچىسى بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تېخنىكا، ئىقتىساد مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەشنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇھىت باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «جۇڭگونىڭ 21- ئەسىر قارالمىسى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچ دەريا، ئۈچ كۆل، ئىككى تىزگىنلىنىدىغان رايون، بىر دېڭىز، بىر شەھەر» قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇھىت ئاسراش تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە «ئۈچتە تەڭ قەدەم ئېلىش»، «ئۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە جۇڭگوچە مۇھىت ئاسراش يولى ئېچىشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان.

يولداش لى پېڭ ئۇزاق مۇددەت مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىلىرى، 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا غەرب دۆلەتلىرى بىرلىشىپ «جازا يۈرگۈزگەن» ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان، شەرقىي ياۋروپادا كەسكىن ئۆزگىرىش يۈزبەرگەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئۇ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، نۇرغۇن ئالاھىدە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئىگە ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان. بۇ مەزگىلدە، دۆلىتىمىز جۇڭگوغا قارىتىلغان «جازالاش»نى پەيدىنپەي بۆسۈپ ئۆتۈپ، غەربنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئەمەلىي، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈنسېرى ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىتنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قايتۇرۇۋېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قاتناشقان، رەھبەرلىك قىلغان.

يولداش لى پېڭ ئۇزاق مەزگىل گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق كۆرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 19 قېتىم سەنشياغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇشتا ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشتە ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ، قۇرۇلۇشقا چېتىلىدىغان كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، لاي - لاتقا تىنىپ قېلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى قايتا - قايتا دەلىللەشكە تەشكىللەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ سەنشيا قۇرۇلۇشىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدىكى قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتى ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرغان. ئۇ روناق تاپقۇزۇش شەكلىدىكى كۆچمەنلەر فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۇڭچىڭنى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈپ چىقىشى، مۇقىم بولۇشى، تەدرىجىي بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.

يولداش لى پېڭ دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم بەرپاچىسى، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، پائال تۈرتكە بولغۇچىسى. ئۇ باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پىلان ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆزگىرىشنى تەكشى، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇ مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، باج ئايرىش تۈزۈمى يادرو قىلىنغان يېڭى مالىيە تۈزۈلمىسىنى، قوشۇلما قىممەت بېجى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېڭى باج تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالىيە تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان. ئۇ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، گوۋۇيۈەن ئاكسىيە كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئاكسىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە بىلەن سودا خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنى ئايرىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، پېرېۋوت نىسبىتىنى ئوڭۇشلۇق بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقان. ئۇ باھانى يەنىمۇ قويۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، باھا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. ئۇ تاشقى سودا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن. ئۇ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ: دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، كارخانىلارنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش، پايدا - زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش، ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەش ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىگە ئايلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشنى ئىقتىساد خىزمىتىدە باش ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوللاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەر بويىچە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئاشلىق زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ۋە «گۈرۈچ خالتىسى»غا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېزا - بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئۆزگىرىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. ئۇ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەرەققىياتىنى قوللاپ، شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادقا ئىلھام بېرىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ سىياسىتى تۈزۈش ئارقىلىق تاشقى مەبلەغنىڭ سېلىنىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان.

يولداش لى پېڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك قىلغۇچىسى. 1998- يىلى 12- ئايدا، ئۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەييارلاشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى شەكلىدە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەلىك ئورنىنى تىكلەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە تەقسىمات تۈزۈمى ھەمدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ مۇھىم رولى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرغان، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە ئاساسىي قانۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە قانۇن، قانۇن ئىزاھاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار جەمئىي 124 قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، 113 پارچە قانۇن چىقىرىش قانۇنى، توختام قانۇنى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى، ئاكسىيە قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇھىم، زور تەسىر كۆرسىتىدىغان قانۇنلارنى ماقۇللاپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەتچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان. 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 22 قانۇن ۋە قانۇن مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 40 مەخسۇس تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىرىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرگەن. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ۋە ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇن - تۈزۈم تەشۋىق تەربىيەسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتى ۋە ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ چەت ئەل پارلامېنتلىرى ۋە خەلقئارا پارلامېنتلار تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يولداش لى پېڭ خەلق ئاممىسىغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، دائىم كونا ئىنقىلابىي رايونلار، نامرات رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغان. ئۇ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات رايونلارنىڭ قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، روناق تاپقۇزۇش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ يەتتە يىل ئىچىدە 80 مىليون نامراتنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى»نى پائال تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىگەن. ئۇ دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھال - ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

2003- يىلى 3- ئايدا، يولداش لى پېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولغان. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان ۋە قوللىغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان ۋە قوللىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان.

يولداش لى پېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12- نۆۋەتلىك، 13- نۆۋەتلىك، 14- نۆۋەتلىك، 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان، 13- نۆۋەتلىك، 14- نۆۋەتلىك، 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

يولداش لى پېڭ 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىگەن، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولغان، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا پۈتۈن ھاياتىنى، زېھنىي كۈچىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغان. ئۇ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىغا ئىگە بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، بۇرمىلايدىغان، ئىنكار قىلىدىغان ۋە پارتىيە رەھبەرلىكى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان. ئۇ ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى ئىجادىي قوللىنىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولغان. ئۇ دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىغان ۋە جارى قىلدۇرغان. ئۇ ئوچۇق - يورۇق، تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا بولغان، ئائىلە تەۋەلىرىگە ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويغان، باشتىن - ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن چوڭقۇر ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولغان.

يولداش لى پېڭنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، شانلىق ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئېغىر، زور يوقىتىش. بىز ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

يولداش لى پېڭ مەڭگۈ ھايات!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى