تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتى، گۇيجوۋ شۇيچېڭدىكى «23·7» پەۋقۇلئاددە زور تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈش ئاپىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى؛ ئالدىنقى يېرىم يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتى، گۇيجوۋ شۇيچېڭدىكى «23·7» پەۋقۇلئاددە زور تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈش ئاپىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى؛ ئالدىنقى يېرىم يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، بەزى قاراتمىلىققا، ئىجادىيلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا قىيىنلىق دەرىجىسى زور، تەسىر دائىرىسى كەڭ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە قويغان يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىجادىي ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت - ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىلمىي يول تۇتۇشقا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەپ، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېشىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشىگە، ئۈنۈم ئۆزگىرىشىگە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىقنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، بازار سۇبيېكتى تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش، ھەل قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ۋە ئىسلاھات پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى، ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خېرىدار چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى كېڭەيتىش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى سىجىل چوڭايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. يەتتىنچىدىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بىرىكمە مۇشتنى ئېتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىشنى ۋاقتىدا كۈچەيتىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.