تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئىلى دەرياسىدىكى كۆۋرۈكلەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى

      ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر كېلىدىغان ئىلى دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى (7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تارتىلغان).

(لەي يۈنىڭ فوتوسى)

1975- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلانغان كۈنى، غۇلجا شەھەر ئاھالىلىرى كۆۋرۈك يېنىدا مۇراسىمنى كۆرمەكتە.
(لى يۈەن فوتوسى)

«1975- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى سائەت 9دا، ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاندى، نەق مەيداندا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ، رەڭدار بايراقلار يەلپۈنۈپ تۇراتتى، كونا كېچىكنىڭ ئىككى قىرغىقى نەچچە ئون مىڭ ئادەم بىلەن تولغانىدى.» بىڭتۇەن 4- شىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمەتچىسى لى يۈەن فوتو ئاپپارات بىلەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىنى خاتىرىلىۋالدى. بۇ، ئىلى دەرياسىدا سېلىنغان 1- چوڭ كۆۋرۈك بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 300.84 مېتىر ئىدى. ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئامما، ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى دەريادىن ئۆتۈشتە كېچىك كېمىسىگە تايىناتتى. ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ پۈتۈشى ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

«غۇلجىدا مۇنداق بىر ئادەت بار، كېلىن كۆچۈرىدىغان ئاپتوموبىل ئەترىتى قىز - يىگىتنى ئېلىپ چىققاندىن كېيىن ئىلى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىگە كېلىپ بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ، چوڭ كۆۋرۈكنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىگە گۇۋاھ قىلىدۇ» دېدى غۇلجا شەھەر ئاھالىسى ئازات ھوشۇر.

ئىلى دەرياسىدىكى 2- چوڭ كۆۋرۈكتە 2004- يىلى ئىش باشلىنىپ، 2007- يىلى پۈتكەن. بۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر. شۇ جايدىكى كىشىلەر يېقىملىق قىلىپ ئۇنى ئىلى دەرياسى 2- كۆۋرۈكى دەپ ئاتايدۇ. ئىلى دەرياسى 2- كۆۋرۈكىنىڭ پۈتۈشى ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېزلەتتى.

ئىلى دەرياسىدىكى 3- چوڭ كۆۋرۈك كۆكدالا چوڭ كۆۋرۈكى بۇ يىل پات ئارىدا پۈتىدۇ. بۇ چوڭ كۆۋرۈك 2016- يىلى سېلىنىشقا باشلىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2527 مېتىر. كۆكدالا چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى قىرغاقتىكى قىسمەن ناھىيە، يېزا، تۇەن - چاڭلار ئارىسىدىكى قاتناش ئارىلىقى 30 كىلومېتىردىن 100 كىلومېتىرغىچە قىسقىراپ، غۇلجا شەھىرى بىلەن كۆكدالا شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قوش موتورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى