تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىن يولغا چىقىپ، 302- ئۆلكە يولىنى بويلاپ تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتكىنىڭىزدە، يول بويىدىكى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان قىچا گۈللىرىنى كۆرىسىز. كەڭرى كەتكەن قىچا گۈلى ئېتىزى بويىغا قاتار-قاتار ھەرە ساندۇقلىرى تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ساناقسىز ھەسەل ھەرىلىرى گۈل ئېتىزى ۋە ھەرە ساندۇقلىرى ئارىسىدا ئالدىراش يۈرۈيدۇ. ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ھەسەل يىغىدۇ.
ئۆيىڭىزدىكىلەرنى بىرگە ئېلىپ، بىر قانچە دوستڭىزنى چاقىرىپ، قومۇل ئاقتاش يېزىسىغا كېلىپ گۈللەردىن ھوزۇرلىنىپ ھەسەللەرنى تېتىپ كېتىڭ، يەنە ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلاپ باشقىچە خۇشاللىققا ئېرىشىسىز.
گۈللۈك بىلەن ئورمانلىق.
يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان قىچا گۈلى ئېتىزى.
ھەسەل ھەرىسى باققۇچى ھەرە ساندۇقلىرىنى رەتلىمەكتە.
ھەسەل ئېلىش.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى