تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىش كېرەك

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش مەسىلىگە قارىتىلغان بولۇپ، كېسەلنى يوشۇرۇپ داۋالىنىشتىن باش تارتىش ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ كۈشەندىسى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇردى، ۋەزىپە - تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇردى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن، ئۆزى ئۈستىدە تەلتۆكۈس ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

تارىخقا نەزەر سالساق، پارتىيەمىز نېمە ئۈچۈن باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى بولالىدى؟ تۈپ سەۋەب، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەم تۈزىتىش جاسارىتىنى ساقلاپ، ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قايتا - قايتا قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كېسەل ئوچىقىنى يوقىتىپ، قايتا - قايتا ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىدا. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەپ، مۇنداق بىر يەكۈننى چوڭقۇر دەلىللىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكتە بولماستىن، بەلكى ئەزەلدىن كېسىلىنى يوشۇرماي، داۋالىنىشتىن باش تارتماي، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدا.

ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىشتا، سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپلىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان ھەر خىل خەۋپ ھەممە يەردە بار، ئەگەر قاتتىق ئالدىنى ئالمىغاندا، ۋاقتىدا تۈزەتمىگەندە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، مەسىلىلەر توپلانغانسېرى ھەل قىلىش تەس بولۇپ، كىچىك مەسىلە چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، كىچىك تۇرۇبا يېرىلىپ كېتىشتىن چوڭ گۈمۈرۈلۈش كۆرۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە كۆرسىتىلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلە: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆرۈنۈشتە بويسۇنغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تۈزەش؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، نەتىجە ياراتماسلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى قاتلاممۇقاتلام ئېغىرلىتىش مەسىلىلىرىنى تۈزەش؛ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش مەسىلىلىرىنى تۈزەش؛ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تۈزەش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىلىرىنى تۈزەش؛ شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەركەشلىك ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش ھەتتا مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش مەسىلىلىرىنى تۈزەش. بۇ سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلە خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىشى، پارتىيە ئىشلىرىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن بولغان مەسىلىلەردۇر، جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە تەلتۆكۈس ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك». تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ھەرگىزمۇ توختاپ قېلىش، ئارام ئېلىۋېلىش ئويىدا بولۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىشتا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەشكە قارىتا ئېنىق مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغان چارە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن، «مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، نەتىجە ياراتماسلىق مەسىلىسىنى تۈزەش»تە، «دىققەتنى خىزمەت پىكىر يولى، تەدبىرى مۇۋاپىق بولماسلىق، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇشى كۈچلۈك بولماسلىق، مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشكە، زىددىيەتكە تېگىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، خىزمەتلەردە ئۇزاق مەزگىلگىچە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولماسلىق، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ئۇزاققىچە ھەل قىلىنماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، روھسىز بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، نەتىجە ياراتماسلىقتىكى كونكرېت ئىپادىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئىنچىكە تۈزىتىپ، تۈرمۇتۈر تۈزەش» تەلەپ قىلىندى. يەنە مەسىلەن، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى قاتلاممۇقاتلام ئېغىرلىتىش مەسىلىسى»نى تۈزەشتە، «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دىققەتنى قاتلاممۇقاتلام ھۆججەت تارقىتىش، قاتلاممۇقاتلام يىغىن ئېچىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش كۆپ بولۇش، كەينى - كەينىدىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرمۇبىر ھەقىقىي تۇتۇپ تۈزىتىش» تەلەپ قىلىندى. پەقەت بىز ھەربىر مەخسۇس تۈزەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، نىشان - ۋەزىپىنى بېكىتىپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، ئىلگىرىلەش ۋاقىت چېكى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر - بىرلەپ ئالغا سىلجىتساقلا، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايمىز.

بىر ماركسىزملىق پارتىيە ئىلغارلىق ۋە پاكلىقنى ساقلاپ، يۈكسەك بۇرچنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەر ۋاقىت بوشاشماي ھەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋر، ئەمەلىيەت، خەلقنىڭ تەلىپىگە يېتىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىنى يارىتىشى ۋە تاۋلىشى كېرەك. ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتقاندا، بىز چوقۇم ئۈزلۈكسىز پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە تېنىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتالايمىز.

(«خەلق گېزىتى» نىڭ 2019- يىل 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى