تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور

جاڭ بېي

مەسىلىنى توغرا تېپىش، ھەرىكەت ھالىتىدە تۈزىتىش، مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش... «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش باش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

چوڭ سۆزلەشكە قارشى تۇرۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى تەكىتلەش باشتىن - ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشتۇر، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىغا ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلگەن ھەربىر جەھەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئاخىرىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئەسلىي مەقسەت كوممۇنىستلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتۇر. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسى ئۇنداق ئوڭۇشلۇق، داغدام بولمايدۇ، چوقۇم خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ھەمراھ بولىدۇ، چوقۇم جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، جان - پىدالىق بىلەن تەر ئاققۇزۇش كېرەك، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، بىز «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش» ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى باش تارتماي زىممىمىزگە ئالالايمىز، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىنتىلىشتەك جاسارەت ۋە كۈچكە ئىگە بولالايمىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق ئىشەنچىگە ۋە جۇشقۇن ھېسسىياتقا ئىگە بولالايمىز.

باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەكىتلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار نەزەرىيە ئۆگىنىش ئاساسىدا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەقىقىي، ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئېلىپ باردى. باش تېما تەربىيەسىنىڭ جەريانى ھەم پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانى، شۇنداقلا خەلقنى مەركەز قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش جەريانى، يەنە پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش جەريانىدۇر. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى قەدىرلەپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشتەك خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشتەك خىزمەت پوزىتسىيەسى بىلەن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر دائىم غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي - تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانىغا يېتىدۇ. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى