تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كورلا: يەنە ئۈزۈملەر بازارغا سېلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، كورلا شەھىرى بايىن شەرقىي يولىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ مېۋە-چېۋە رايونىدا، مال جاھازلىرىغا ھەرخىل ئۈزۈملەر تىزىلىپ، خېرىدارلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا تەمىنلەندى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يىن گۇيفاڭ فوتوسى، خەۋىرى): يەنە ئۈزۈم پىشىپ بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى، چۈچۈمەل، تاتلىق ئۈزۈملەرنى كۆپچىلىك يازدا ياقتۇرۇپ يەيدۇ. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە تاللا بازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى سورتلۇق ئۈزۈملەرنىڭ مېۋە-چېۋە رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى بايقىدى. ئۈزۈمنىڭ باھاسى يېرىم ئاي بۇرۇنقى «يۇقىرى باھادا سېتىشنى باشلاش»تىن ھازىر كىشمىش ئۈزۈمنىڭ ھەر كىلوگىرامى 10 يۈەن ئەتراپىغا چۈشكەن، قىزىل ئۈزۈم، مېيگۈيشياڭ قاتارلىقلار يەنىلا ھەر كىلوگىرامى 15 يۈەن ئەتراپىدىكى باھانى ساقلاپ كەلگەن.

  ھازىر ئۈزۈملەرنىڭ مەركەزلىك بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىلى، بۇ يىل ئۈزۈم باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل يۇقىرى بولسىمۇ، كېيىنكى مەزگىلدە يەرلىك ئۈزۈملەرنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ باھاسى تۆۋەنلەيدۇ.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى