تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چېن شۆ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ما جىڭ خەۋىرى، فوتوسى): رەسىم سىزىش بالىلارنىڭ ھېسسىياتنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بەخت يولى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «كىچىك رەسسام، بۈيۈك ئارزۇ، قەلبىمدىكى قەھرىمان» تېمىسىدا «1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى»غا سوۋغا تەقدىم قىلىش بالىلار رەسىم سىزىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، بالىلار رەسىم سىزىش شەكلى ئارقىلىق ئۆز قەلبىدىكى «1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى» توغرىسىدىكى ھېكايىنى تەسۋىرلىدى. پائالىيەت جەريانىدا، بالىلار قوللىرىغا بوياق ئېلىپ، ئۆز قەلبىدىكى قەھرىمانلارنى سىزىپ چىقتى.