تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئىلى «ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئوبلاست قۇرۇش»نى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتتى

باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن ئىجراسىنى تېخىمۇ چىڭىتىش، ئامما تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇش −

ئىلى «ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئوبلاست قۇرۇش»نى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتتى

غۇلجا شەھىرىدىكى ئىلى دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى (7- ئاينىڭ 22- كۈنى تارتىلغان). (گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

مۇھەررىر ئىلاۋىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر − تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا زىيارەت» ئىستونى تەسىس قىلدى، بىز پۈتۈن تاراتقۇلار يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈزبەرگەن چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى خەۋەر قىلىمىز.

گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، جاۋ شىيا، جەزىرە نىسبېك خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈم لايىھەسى»دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. «ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئوبلاست قۇرۇش»نى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قىلغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مەيلى تەبىئىي ئورمان ۋەكىللىكىدىكى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداشتا بولسۇن ياكى ھەر خىل تەبىئىي بايلىقنى مۇۋاپىق ئېچىشتا بولسۇن، ھەممىسىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتماقتا.

ئۆلچەش - سىزىش، بەلگە قوزۇقى، چېگرا تېشى تىكلەش... 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان، كۆلىمى 9000 گېكتاردىن ئاشىدىغان ئىلى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا كەسپىي خادىملار چېگرانى ئېنىقلاپ بەلگە سېلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانىدى. نۆۋەتتە، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىكى نەچچە ئەۋلاد كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇنلار تەڭ ئۆسۈپ، بۈك - باراقسان بولۇپ كەتكەنىدى. قېرى دەرەخلەر يېڭى شاخ چىقىرىپ، ئېگىز - پەس گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بەئەينى بىر غايەت زور كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن جەمەتىگە ئوخشايتتى.

دەل شۇ كۈنى چۈشتە، قورغاس تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىلىرى ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ئوتلاقتا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتاتتى.

تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا خاس تۈر بولۇپ، دۆلەت 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانغا تەۋە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تارماقلار تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى. يېقىندىلا، شۇ جايدىكىلەر مۇھاپىزەت رايونىدىكى 12 ئائىلىلىك ئاھالىنى كۆچۈردى، ئىككى سانائەت كان - كارخانىسىنىڭ بەش جايدىكى زاۋۇت ئۆيىنى چاقتى.

ئىلى ئوبلاستىدا ھازىر ئۈچ جايدا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىلى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، قورغاس تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، غەربىي تىيانشان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە توققۇزتارا ياۋا ياڭاق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە شىنجاڭ تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى كۈنەس تاغ چىملىقى تۈرىدىكى چىملىق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن ئىبارەت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىككى مۇھاپىزەت رايونى بار.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

«بىز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ يولغا قويۇپ، بەلگىلىك ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.» ئىلى ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى نۇرمات جاھىرباي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت، ئاپتونوم رايون ھەمدە يەرلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا بولغان قوللاش ۋە سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ئىلى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، قورغاس تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغىلا يېقىنقى بەش يىلدا 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات تۈرى قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى. 2017- يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا بىردەك مەخسۇس باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرىكى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقتىن، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ باشقۇرۇلۇشى تېخىمۇ قېلىپلاشتى، تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى.

تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپلا قالماي، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئومۇمىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى بارغانسېرى ئاشتى. «يېقىنقى بىر ئايدا، بىز ئامما قۇتقۇزۇۋالغان دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان تۆت ياۋايى ھايۋاننى تاپشۇرۇۋالدۇق.» نۇرمات تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پائال تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ قاتناشقان ئېكولوگىيەنى قوغداش پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

«غۇلجا شەھىرىدىكى چوڭ كوچىدا ماڭغاندا، يول بويىدىكى ئورمان بەلبېغىدا سەكرىشىپ يۈرگەن تىيىنلارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.» شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىغانلىقىدەك تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جاڭ مىڭخۇا تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز يۇرت - ماكانىمىزنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، <چېگرا بوستانلىقى> يېڭى ئىلى بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش