تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بولۇشتا.

يېقىندا مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە كۆرسىتىلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىش، خاتالىقنى تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنىڭ ئاچقۇچ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مەقسەت قىلىنىشى پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش بىر مۇھىم تۇتقا. مەخسۇس تۈزەش پارتىيەمىزنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش، قالايمىقان بىنا سېلىش قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەخسۇس تۈزەش گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى، ئۇنىڭ ياخشىلىقى كېسىش ئېغىزىنىڭ كىچىك، كۈچەشنىڭ توغرا، ئۈنۈمنىڭ ياخشى بولۇشىدا. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە، نۇرغۇن جايلار ۋە تارماقلار باشتىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەخسۇس تۈزەش ۋە مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، مەسئۇل ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى رەتلەپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ ھەممىسىدە چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىكنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىنى تۈزەشكە دىققەت قىلىشىغا قارىتا، مەسىلە تىزىملىكىنى تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدەپ، تۈزىتىشنى تۇتۇشى؛ 2- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزىتىشكە بولىدىغانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىشى كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، ھەربىر مەخسۇس تۈزەش تۈرىنىڭ كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، نىشان - ۋەزىپىنى بېكىتىپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، ئىلگىرىلەش قەرەلى ۋە خىزمەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن باشقا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تۈزەشكە تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھالدا كۆرسىتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش نىيىتىنى، پارتىيەنى ئويلاش مەسئۇلىيىتىنى، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى دائىم كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىگە پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، مەخسۇس تۈزەشنى ئەستايىدىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرماي، خاتالىقلىرىنى يوشۇرماي، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيە تېنىنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق ھادىسىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلا بولسا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىمىزنى يېڭىلاش، ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

(2019- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى