تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى كىگىز ئۆي توپى

  شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا كىگىز ئۆي چارۋىچىلار ئارامگاھلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيەسى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يايلاق تۇرالغۇ مەدەنىيىتى، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى قاتارلىق ساياھەت بايلىقلىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئەمەلىي قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلىق رايونىنىڭ مۇھىت ۋە ئاساسىي شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قويۇق، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

  خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كىگىز ئۆي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).

  خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كىگىز ئۆي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ئەتراپىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).

  يامغۇردىن كېيىن، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كىگىز ئۆي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ئاسمىنىدا ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولدى.

  خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كىگىز ئۆي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىغا ئېگىزدىن نەزەر.

  كېچىدە كىگىز ئۆي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا چىراغلار يوپيورۇق يورۇپ تۇرىدۇ.

  يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى كىگىز ئۆي چارۋىچىلار ئارامگاھى (مۇخبىر چۆ. خۇرە فوتوسى) 

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش