تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

−«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور

ليۇ چيەنشېڭ

پوزىتسىيە نەتىجە - ئۈنۈمنى بەلگىلەيدۇ، ئۆلچەم نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز «2>1+1» بولۇشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشكە قارىتا ئېنىق تەلەپ قويۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ياقلىمىلىق»تىن ھەقىقىي ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، ھەم مېتودولوگىيە بولۇپ، بىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزدىكى تۈپ مىزان.

قەلبكە چوققا - جىلغىلارنى پۈككەندىلا، تاشتىن تاغ - دەريالارنى تاراشلىغىلى بولىدۇ. ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش − پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۇزاق ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان دىيالېكتىك تەپەككۇرغا تولغان خىزمەت فاڭجېنى، ئومۇميۈزلۈك ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى كەم - كوتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى، ھەم كۈندىلىك خىزمەتنى قالتىس ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتا دىيالېكتىك تەپەككۇر بولۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك، باش تېما تەربىيەسى بىلەن كۈندىلىك خىزمەتنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. دىيالېكتىك تەپەككۇر باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكرار تەكىتلىگەن مۇھىم تەپەككۇر ئۇسۇلى. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، بولۇپمۇ دىيالېكتىك تەپەككۇردىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنى ياخشى ئىشلىتىپ، «چوڭ ۋە كىچىك ئىشلارنى پەرقلەندۈرۈش، جىددىي ۋە ئادەتتىكى ئىشلارنى ياخشى دەڭسەش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، ئىچى بىلەن سىرتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش» كېرەك، بىز ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىمىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش، رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈندىلىك خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ۋە رەتلىك تۇتۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ «بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشتا كاللا ئىشلىتىپ، كۈچ سەرپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەتقىقات - مۇھاكىمىنى ئۆز رايونىمىز، ئۆز تارمىقىمىز، ئۆز ئورنىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەخسنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ماس راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، «ئىككى ياقلىمىلىق»تىن قەتئىي ساقلىنىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «بىر قولدا قاتتىق بولۇش، بىر قولدا يۇمشاق بولۇش» مەسىلىسىدىن ساقلىنىش، «ئىككى ياقلىمىلىق»، «ھەركىم ئۆز غېمىنى يېيىش» ھادىسىسىدىن ساقلىنىش كېرەك، ھەم باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى باھانە قىلىپ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى كېچىكتۈرۈشكە، ھەم خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ باش تېما تەربىيەسىگە قولنىڭ ئۇچىدا ئەپلەپ - سەپلەپ تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدۇ، قاتتىق بولۇشتىن باشلاپ قول سېلىپ، ئەمەلىي بولۇشقا كۈچەپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن كۈندىلىك خىزمەتلەر بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

قۇرۇق گەپ قىلغاندىن كۆرە ئەمەلىي ئىشلىگەن ياخشى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ قانداق بولغانلىقىدا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈنۈمگە قاراش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن نۆۋەتتىكى تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى ئۇرغۇتقان خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش روھىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولغاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغاندا، ئاندىن ئەمەلىيەت، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى