تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   zhuanti3

«گۈزەل جۇڭخۇا . گۈزەل تاغ-دەريالار . شىنجاڭدىكى بايقاش» تۇنجى نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم مۇسابىقىسى باشلاندى

 نەزەرىڭىزدىكى شىنجاڭ قانداق گۈزەل؟ مىكرو فىلىم ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل شىنجاڭنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى سۈرەتلەش، ئاجايىپ شىنجاڭدىكى بايقاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ گۈزەل داستانىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى «گۈزەل جۇڭخۇا . گۈزەل تاغ-دەريالار . شىنجاڭدىكى بايقاش» تۇنجى نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم مۇسابىقىسى مۇكاپاتلىق توپلاش پائالىيىتىنى باشلىدى.

  پائالىيەتتە شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، تاراتقۇ ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، خىزمەتخانىلار، فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرى  قاتارلىقلاردىن شىنجاڭ مەنزىرىسى باش تېما قىلىنغان مۇنەۋۋەر مىكرو فىلىم ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىنىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر «شىنجاڭدىكى بايقاش: ئاجايىپ مەنزىرە»، «شىنجاڭدىكى بايقاش: ئادىمىيەت مەنزىرىسى»، «شىنجاڭدىكى بايقاش: ئۆزگىچە نازۇنېمەتلەر»، «شىنجاڭدىكى بايقاش: ئېكولوگىيە سەپىرىدىكى خاتىرىلەر» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ سىنغا ئېلىنىپ ئىشلەنسە بولىدۇ،  فىلىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىنۇت 30 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ فىلىم سۈزۈك، ھېچقانداق logo قوشۇلمىغان بولۇشى ھەمدە ئىجادىي، تۇنجى ئېلان قىلىنغان ئەسەر بولۇشى، فىلىم كۆرۈنۈشى، مۇزىكا، خەت شەكلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نەشر ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مىكرو فىلىم مۇسابىقىسىنىڭ توپلاش باسقۇچى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولۇپ، تاللانغان ئەسەرلەر تىيانشان تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ توۋتياۋ قاتارلىق تور بېكەتلەر، ئابۇنىچىلار تېرمىناللىرى ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىلىرىدا باھالاپ، كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشى ۋە توردا بېلەت تاشلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا «ئەڭ ياخشى مىكرو فىلىم»، «ئەڭ ياخشى ئىجادىيەت»، «ئەڭ ياخشى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش (ماھىرى)»، «ئەڭ ياخشى مونتاژ»، «ئەڭ ئالقىشلىق (ئەسەر)»، «ئەڭ ياخشى تەشكىلات»تىن ئىبارەت ئالتە مۇكاپات تۈرى باھالاپ چىقىلىدۇ، مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 160 مىڭ يۈەن. ئەڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى 9-ئاينىڭ ئالدى-كەينىدە ئېلان قىلىنىدۇ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى ئارقىلىق بارلىق سۇپىلاردا يوللىنىدۇ ھەمدە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات تورىغا تاللاپ تەۋسىيە قىلىنىپ، كۆرسىتىلىدۇ.

  مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرگە ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئورنى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئەسەر نامى، يېزىقچە تونۇشتۇرۇلۇشى (100 خەت ئىچىدە) قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. بۈگۈندىن باشلاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر ۋە ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تەشكىلىي كومىتېت بېكىتكەن ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى jinxiuzhonghua2019@163.com غا يوللاشقا بولىدۇ؛ تەپسىلاتىنى تىيانشان تورى، تىيانشان تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنجاڭ گېزىتى تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ توۋتياۋ ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلارغا كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشكە بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى ئۈستىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى