تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   zhuanti3

تۇنجى نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم مۇسابىقىسى قىزغىن ئەسەر توپلىماقتا 160 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپات يۇرتىمىزنى «نامايان» قىلىشىڭىزنى كۈتمەكتە

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ خەۋىرى): كامېرا لىنزىسى ئارقىلىق سۆزلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى نامايەن قىلايلى! «گۈزەل جۇڭخۇا . گۈزەل تاغ-دەريالار . شىنجاڭدىكى بايقاش» تۇنجى نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم مۇسابىقىسى مۇكاپاتلىق توپلاش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، پائالىيەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىن شىنجاڭ مەنزىرىسى تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر مىكرو فىلىم ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتلىق توپلىنىدۇ، بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئاساسىي تېمىسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  توپلاش پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، جايلاردىكى ھەر ساھە قىزغىن ئاۋاز قوشتى، نۆۋەتتە 61 مۇنەۋۋەر فىلىم ئەسىرى تاپشۇرۇۋېلىندى ھەم تاللاپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، «بوشلۇقتىن سىنغا ئېلىنغان شىنجاڭ»، «شىنجاڭ ياخشى جاي»، «كورلىدىكى نەشپۈت چېچەكلىرى» ۋە «قاراماي كوچا مەنزىرىسى»دىن ئىبارەت تۆت فىلىم مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىغا يوللاندى.

  «بوشلۇقتىن سىنغا ئېلىنغان شىنجاڭ» بوشلۇقتىن سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، يارغول قەدىمىي شەھىرى، قۇمتاغ قۇملۇقى، كۆكتوقاي، سايرام كۆلى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ؛ «شىنجاڭ ياخشى جاي»دا سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس گۈلى دېڭىزى، ئالتۇن رەڭلىك قىچا گۈلى ئېتىزلىرى، خۇددى سىياھ رەسىمدەك گەنگۇ مەنزىرىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر نامايان قىلىنغان؛ «كورلىدىكى نەشپۈت چېچەكلىرى»دە، كورلىدىكى 400 مىڭ مودىن ئارتۇق نەشپۈت چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ؛ «قاراماي كوچا مەنزىرىسى»دە، تاڭ سەھەردىن كەچ بولۇپ يۇلتۇرلاز كۆرۈنگۈچە، ۋاقىت ئوقىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، موگۇيچېڭ، چۈەنچېڭ دەرياسى، ئورقۇ خۇڭموفاڭ قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارقىمۇئارقا ئۇلىنىپ كۆرسىتىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى فىلىم ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ئاپپاراتلىرى، كوللېكتىپلار ۋە شەخسلەردىن ئەسەر توپلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر «شىنجاڭدىكى بايقاش: ئاجايىپ مەنزىرە»، «شىنجاڭدىكى بايقاش: ئادىمىيەت مەنزىرىسى»، «شىنجاڭدىكى بايقاش: نازۇنېمەتلەر»، «شىنجاڭدىكى بايقاش: ئېكولوگىيە سەپىرىدىكى خاتىرىلەر » قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ سىنغا ئېلىنىپ ئىشلەنسە بولىدۇ.

  توپلاش پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، تاللانغان ئەسەرلەر تىيانشان تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ توۋتياۋ قاتارلىق تور بېكەتلەر، ئابۇنىچىلار تېرمىناللىرى ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىلىرىدا باھالاپ، كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشى ۋە توردا بېلەت تاشلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا «ئەڭ ياخشى مىكرو فىلىم»، «ئەڭ ياخشى ئىجادىيەت»، «ئەڭ ياخشى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش (ماھىرى)»، «ئەڭ ياخشى مونتاژ»، «ئەڭ ئالقىشلىق (ئەسەر)»، «ئەڭ ياخشى تەشكىلات»تىن ئىبارەت ئالتە مۇكاپات تۈرى باھالاپ چىقىلىدۇ، مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 160 مىڭ يۈەن. مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى ئارقىلىق بارلىق سۇپىلاردا يوللىنىدۇ ھەمدە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات تورىغا تاللاپ تەۋسىيە قىلىنىپ، كۆرسىتىلىدۇ.

  مىكرو فىلىم مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنى تەشكىلىي كومىتېت بەلگىلىگەن ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى jinxiuzhonghua2019@163.com غا يوللاشقا بولىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرگە ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئورنى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئەسەر نامى، يېزىقچە تونۇشتۇرۇلۇشى (100 خەت ئىچىدە) قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. تەپسىلاتىنى تىيانشان تورى، تىيانشان تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنجاڭ گېزىتى تورى، ياشىن تورى، شىنجاڭ توۋتياۋ ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلارغا كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشكە بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى-ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى ئۈستىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى