7-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر بالا ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان ماشىنا ئادەمنى كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، 23-نۆۋەتلىك نەننىڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى ھەم 2019 جۇڭگو — شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (نەننىڭ) خەلقئارا مائارىپ كۆرگەزمىسى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا تەركىبىگە ئىگە ئېلېكتىرونلۇق مائارىپ ئەسۋابلىرى، تور يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئوقۇتۇش تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. (جوۋ خۇا فوتوسى)
7-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر بالا كۆرگەزمىدە تېلېسكوپ كۆرمەكتە.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى، بالىلار يەرمەنكىدە بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا مودېلىنى كۆرمەكتە.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى، بالىلار يەرمەنكىدە بىر ئۆگىنىش ماشىنا ئادىمىنى سىنىماقتا.