تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يېڭى سايمەھەللە كەنتىدە پورەكلەپ ئېچىلغان ئىتتىپاقلىق گۈللىرى

باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئابلاجان مەمەت

مەن نۆۋەتتە باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى يېڭى سايمەھەللە كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىمەن. بىزنىڭ يېڭى سايمەھەللە كەنتى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېڭى كەنت بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە جەمئىي 201 ئائىلە، 810 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلاردىن 13 ئائىلە، 35 ئادەم بار. بۇ يىللاردىن بېرى، كۆپچىلىك تۇرمۇشتا ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىپ، دائىم بىللە تۇرۇش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى: «بىز ھازىر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇق» دېيىشىدۇ.

مەن كۆپچىلىككە كەنتىمىزدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»قا دائىر ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن.

لاۋشۇنىڭ ئىسمى شۇ يىبىن، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشېڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، يېڭى سايمەھەللە كەنتىگە ئەڭ بالدۇر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خەنزۇ كەنت ئاھالىسى. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا، ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىدىن شىنجاڭغا يالغۇز كەلگەن، ئۇرۇق - تۇغقىنى بولمىغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانىدى. بىر كۈنى، ئۇ سايرام گۇڭشېسىنىڭ شىپاخانىسىغا يۇرتدىشىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە يەنىلا پۇت تىققۇدەك يېرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ مەقسەتسىزلا سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قالدى. شۇ چاغدا شىپاخانىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان يېڭى سايمەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پېشقەدەم شۇجىسى ئۇنىڭغا: «يولداش، ئەگەر خالىسىڭىز بىزنىڭ كەنتكە بېرىپ تۇرۇڭ، كۆپچىلىك سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ» دېدى. شۇنداق قىلىپ، لاۋشۇ يېڭى سايمەھەللىسىدە تۇرۇپ قالدى، كەنت ئۇنىڭغا كۆكتات تېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. يۇرتداشلار شۇ چاغدا كۆكتات تېرىشنى ئانچە بىلمەيتتى، لېكىن لاۋشۇ كۆكتات تېرىشقا ئۇستا ئىدى، ئۇ تېرىغان لاڭخا داستەك چوڭلۇقتا بولۇپ، كىمنىڭ ئۆيىدە كۆكتات ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۇ بىر - ئىككىنى ئاپىرىپ بېرەتتى. كەنتتە ھەر قېتىم ئاشلىق، ياغ تەقسىملەنگەندىمۇ لاۋشۇغا ئېتىبار قىلىندى، يۇرتداشلار يەنە لاۋشۇنى مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، لاۋشۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. لاۋشۇ: كۆپچىلىك ماڭا بۇنداق ياخشىلىق قىلىۋاتسا، مەن كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى كۆپچىلىككە ئۆگىتىپ قوياي، دېگەن ئويغا كەلدى. ئۇ كۆكتات تېرىش تېخنىكى بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ كۆكتات تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كىمنىڭ ئائىلىسىدە زىددىيەت يۈزبەرسە، قوشنىلار ئارىسىدا تالاش - تارتىش بولسا، ئۆزئارا كېلىشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ھەممىسى ئۇنى ئىزدەيدىغان، كاللىسىدىن ئۆتمىگەن ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭغا دەيدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، لاۋشۇ يېڭى سايمەھەللە كەنتىدە يىلتىز تارتىپ، بۇ جايدا ئۆيلىنىپ، بۇ جايدا بالىلىق بولدى. ھازىر ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى ناھىيە بازىرى ۋە باشقا جايلاردا خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خوتۇنى بىلەن بۇ جايدا تۇرىدۇ، ئۇ: يۇرتداشلار بىلەن بىللە بولسام، كۆڭلۈم ئازادە تۇرىدۇ، دەيدۇ.

كەنت ئاھالىسى «نۇردۇن» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى لۇ شۇاڭچېڭ بولۇپ، يېڭى سايمەھەللە كەنتىگە ئورۇنلاشقىلى ئەمدىلا بىرنەچچە يىل بولدى، لېكىن ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ فامىلىسى لۇ بولغاچقا، يۇرتداشلار ئۇنىڭغا «نۇردۇن» دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى: «نۇردۇننىڭ ئاپتوموبىلى ئوبدان ئەسقاتىدۇ» دەيدۇ.

ئەسلىدە، لۇ شۇاڭچېڭ بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيتتى، كۆپچىلىك دائىم ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ نەرسە - كېرەكلىرىنى توشۇتاتتى، ئۇ پۇل تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، كىمنىڭ ئائىلىسىگە ناھىيە بازىرىدىن ئۇششاق نەرسە - كېرەك ئالغاچ كېلىش زۆرۈر بولسا، ئۇ ئەزەلدىن ھەق ئېلىپ باقمىدى، يەنە دائىم: «ھەممىمىز يۇرتداش تۇرساق، پۇل بەرسەڭ قانداق بولىدۇ!» دەيتتى. 2018- يىلى، كەنت ئاھالىسى ئاينۇر ئىلياز ھويلىسىنى سېمونتلاپ تۈزلىمەكچى بولدى، لېكىن ئۆيىدە نەق پۇلمۇ، ئەمگەك كۈچىمۇ يوق ئىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر قوشنىسى ئاينۇرغا ئەقىل كۆرسىتىپ: «سەن بېرىپ نۇردۇننى ئىزدىگىن، ئۇ ساڭا ياردەم قىلىدۇ» دېدى. ئاينۇر لۇ شۇاڭچېڭنى ئىزدەپ بارغاندا، ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئاينۇرغا ياردەم قىلىپ قۇم ۋە سېمونت ئەكىلىپ بەردى ھەم: «سەن قاچان پۇل تاپساڭ شۇ چاغدا بەرسەڭ بولىدۇ» دېدى.

بۇ يىل 4- ئاينىڭ بىر كۈنى ئاخشىمى، بوران دەرەخلەرنى قىيسايتىۋەتتى. ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىۋاتقان كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلا ئىلياس خوتۇنىدىن كەلگەن «ياڭ چىليۇ ئائىلىسىنىڭ يېرىگە ئوت كېتىپتۇ، سىز تېزدىن كۆپچىلىككە ئوتنى ئۆچۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ!» دېگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى. ئابلا سايمانلىرىنى ئېلىپ باردى، پارتىيە ئەزاسى ئېزىز مەمەت باردى، يۇرتداشلارمۇ يېتىپ باردى...ئوت شامالنىڭ كۈچىدە بىردەم ئۇياققا تۇتاشسا، بىردەم بۇياققا تۇتىشاتتى، لېكىن كۆپچىلىك قورقۇپ قالماي، بىرى بىر گۈرجەك توپا تاشلىسا، يەنە بىرى بىر چېلەك سۇ چېچىپ، ئوت ئاپىتى بىلەن قەيسىرانە ئېلىشتى، بەزىلەرنىڭ قولى كۆيۈپ يارىلاندى، بەزىلەرنىڭ قېشى كۆيۈپ كەتتى. ئون مىنۇت ئۆتتى، 20 مىنۇت ئۆتتى... ئوت ئاخىر ئۆچۈرۈۋېلىندى. شۇ ئىشتىن كېيىن، ياڭ چىليۇ مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى يۇرتداشلار ياردەم قىلدى، بۇنداق كۈچلۈك بوران ئەگەر ئوت ئۇچقۇنىنى مەھەللىگە ئۇچۇرۇپ كەتكەن بولسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى...».

يېڭى سايمەھەللە كەنتىدە بارلىققا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى يەنە ناھايىتى كۆپ. يېڭى سايمەھەللە كەنتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى چوقۇم تېخىمۇ چىرايلىق پورەكلەپ ئۇزاققىچە ئېچىلىپ تۇرىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى