تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئىللىق تەبەسسۇم ئۈچۈن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن

7- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇغما كالپۇك - تاڭلاي يېرىقى بار نامرات بالىلارنى ھەقسىز داۋالاش بويىچە «ئانىلار تەبەسسۇم ھەرىكىتى» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5- دوختۇرخانىدا باشلاندى، ئايرىپ تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا، پىدائىيلار قىزىل جىلىتكىسى كىيگەن «چېچىنى بىر تال بوغۇۋالغان» بىر قىز ئۇياقتىن - بۇياققا ئالدىراش يۈرۈپ، ئاغرىق بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا ئايرىپ تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ بېرىۋاتاتتى، ئاغرىق بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئوپېراتسىيە قىلىشتا مەنئى قىلىنىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتاتتى، بىردەم - بىردەم ئاغرىق بالىلارنى بەزلەپ قوياتتى.

ئۇنىڭ جاۋغىيىدىن كەتمەيدىغان تاتلىق كۈلۈمسىرىشىنى كۆرگەن كىشى بۇ «چېچىنى بىر تال بوغۇۋالغان» قىزنىڭ بىر يىل ئىلگىرى كالپۇك - تاڭلاي يېرىقى بار ئاغرىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

بۇ قىز 15 ياشقا كىرگەن رىيا دەمەت بولۇپ، ئۆيى قورغاستا، ئۇ تۇغما كالپۇك - تاڭلاي يېرىقى ئىدى. رىيا ئەينەككە قاراشقا پېتىنالمايتتى، ساۋاقداشلىرىنىڭ باشقىچە قاراشلىرىدىن تېخىمۇ قورقاتتى. «كىچىك ۋاقتىمدا بالىلار بىلەن ئويناشنى خالىمايتتىم، بىر قېتىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەن توغرىسىدا سۆز - چۆچەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇلار بىلەن ۋارقىرىشىپ قالدىم. ئەينى چاغدا ئۆزۈمنى ئۆزۈم تۆۋەن كۆرۈپ، دائىم خۇشال بولالمايتتىم» دېدى رىيا.

رىيانىڭ دادىسى پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئاپىسىنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى. بۇ نامرات ئائىلە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە ھەققىنى قانداقلا قىلسۇن چىقىرالمايتتى. بۇلتۇر 8 - ئايدا، «ئانىلار تەبەسسۇم ھەرىكىتى» قورغاس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە كالپۇك - تاڭلاي يېرىقىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

رىيا ھاياجانلانغانلىقىدىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا «قىزىل جىلىتكە» كىيگەن بىر ئاچا ئۇنىڭغا قىزغىنلىق بىلەن بىر بوتۇلكا سۇ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى ھەم باشتىن - ئاخىر ئۇنى باشلاپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، جەدۋەل توشقۇزدى، قان تەكشۈرتتى، كېسەل تەكشۈرتتى.

رىيا تارتىنىپ تۇرۇپ «قىزىل جىلىتكە»لىك ئاچىسىغا، ئۆزىنىڭ ئون كۈنلا رۇخسەت سورىغانلىقىنى، بالدۇرراق بېرىپ دەرس ئاڭلىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، «قىزىل جىلىتكە»لىك ئاچىسى دەرھال دوختۇرنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ ئوپېراتسىيەسىنى ئالدىغا سۈرۈشنى ماسلاشتۇردى. «ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا تەسەللى بېرىپ، مېنى ئوپېراتسىيەخانىغا ئۇزىتىپ قويدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بېشىم بىر ئاز قايغاندا، ئۇ مېنى ھەر كۈنى يۆلەپ يۈردى. مەن ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىمدا ئۇ ماڭا يەنە ياردەملىشىپ پويىز بېلىتى ئېلىپ بەردى، مېنى تاكسىغا چىقىرىپ قويدى.» رىيانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ بۇ ئاچىسىنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇۋالغان. بۇ بىر يىلدا، ئۇلار ئۈندىدار ئارقىلىق ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئالاقىلەشكەن، بۇ ئاچا رىيانىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشىگە دائىم ئىلھام بەرگەن.

«ئاچا، مېنىڭمۇ پىدائىي بولغۇم بار، ماڭا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كالپۇك - تاڭلاي يېرىقى بار بالىلارغا ياردەم قىلغۇم بار.» ئون نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن رىيا ئۈندىداردىكى بۇ ئۇچۇرنى تەھرىرلەپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان پىدائىيلارنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى گۇ چيۇيېغا ئەۋەتتى، گۇ چيۇيې دەل رىيا ئېيتقان «ئاچىسى» ئىدى.

«ئۇنداقتا بەك ياخشى بولغۇدەك، بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارغا ياردەم بېرەيلى.» گۇ چيۇيېنىڭ جاۋابى رىياغا تۇنجى قېتىم قىزىل جىلىتكە كىيگۈزۈپ، بىر پىدائىيغا ئايلاندۇردى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، گۇ چيۇيېنىڭ ياردىمى بىلەن، رىيا ناھايىتى تېزلا پىدائىيلار خىزمىتىنىڭ باسقۇچلىرىنى پىششىق بىلىۋالغانىدى، «ئۇ تەرجىمان بولسا بولىدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئۆزىنىڭ تەبەسسۇمىنى نامايان قىلىپ ئاغرىقلارغا ئىلھام بېرەلەيدۇ.» 18 ياشلىق گۇ چيۇيېنىڭ يەتتە قېتىم پىدائىي بولغان تارىخى بولۇپ، ئۇ «ئانىلار تەبەسسۇم ھەرىكىتى»گە ئەگىشىپ، ئىچكى موڭغۇل، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بارغان، شىنجاڭغا كېلىشىمۇ ئىككىنچى قېتىملىقى.

رىيا دېگەن بۇ سىڭلىسىنى تىلغا ئالغاندا، گۇ چيۇيې كۆڭلىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولاتتى، «ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە، ئۇ كۈلۈشنى ياخشى كۆرمەيتتى، دائىم چاپىنىمنىڭ پېشىنى تارتىپ ئارقىمغا مۆكۈۋالاتتى. لېكىن مەن ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن بىر كېچىلىكتە، رىيانىڭ <ئانىلار تەبەسسۇم ھەرىكىتى>نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى كۆرگىنىمدە، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تاپقانىدى».

رىيا كىچىكىدىن تارتىپ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇسسۇل ئۆگىنىپ، ئاچىسىغا ئوخشاش كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك ئۇسسۇل ئويناشنى ئارزۇ قىلاتتى، بىراق ئۇنىڭ دوختۇر بولۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بەرگۈسى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى