سۈرەتتە: 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئارشاڭ ناھىيەسىدە پۇراقلىق رەيھان تېرىقچىلىق بازىسىدا سەيلە - ساياھەت قىلماقتا. شۇ كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك پۇراقلىق رەيھان ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى پائال بەرپا قىلىپ، «مەدەنىيەت + ساياھەت + تەنتەربىيە» يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ ناھىيە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 730 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71 ئاشتى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)