يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دىچىڭ ئوبلاستى يۈننەننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، لەنساڭجياڭ دەرياسى بىلەن جىنشاجياڭ دەرياسى شىمالدىن جەنۇبقا پۈتۈن رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ، «قارلىق تاغلار بىلەن دەريالار شەھەرنى ئوراپ» ئالاھىدە يەر شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىت دىچىڭنىڭ تەڭداشسىز تەبىئىي مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃4.7 تىن ℃16.5 قىچە بولىدۇ. ياز پەسلىدىمۇ بۇ يەردە سوغۇقتا ئۆسۈشكە ماس كېلىدىغان «ئاجايىپ ئۆسۈملۈك»لەرنى تاپقىلى بولىدۇ، ئۇلار ھەم قەيسەر ھەم گۈزەل، كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
مامۇق «چاپان»غا ئورىنىۋالغان، توشقانغا ئوخشايدىغان «ئاجايىپ ئۆسۈملۈك» شۆتۇزى.
پورەكلەپ ئېچىلغان يېشىل تىۋىتلىق ئەمەن.
شىنخۇا تورى تارقاتقان (سۈي يۇڭجياڭ فوتوسى، نيەن شىنخۇڭ خەۋىرى)