ئەگەر سىز تاتلىق يېمەكلىك ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلسىڭىز يۈزىڭىز ئاستا-ئاستا ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ. چۈنكى، بۇ يېمەكلىكلەر بەدەندە تېزلىكتە قەنتكە ئايلىنىپ، قەنتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسلىدىكى ئېلاستىك كوللاگېن تالاسىنى قاتتۇرۇپ قويىدۇ. بىۋاسىتە ئېيتقاندا، تېرە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، نېپىزلەپ كېتىدۇ.
زىيادە كۆپ بولغان قەنت ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن، ئۈچەيدىكى زەمبۇرۇغ توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈز، مۈرە ۋە كۆكرەك قىسمىدا دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ.
قەنتكە تايىنىدىغان بەزى كىشىلەرگە گەرچە دانىخورەك چىقمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا تېرە ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ، رەڭگىنى ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قەنت ئىنسۇلىن سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېزىمچان ھورمۇن كورتىكوستېرولىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، تېرىنى ئاقارتىۋېتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى