7-ئايدا، باي ناھىيەسى قاراباغ يېزىسى كۆتەكتۇر كەنتىگە كەلسىڭىز، كۆز يەتكۈسىز زىغىر گۈلى سىزنى جەلپ قىلىدۇ، ئىللىق شامالدا كۆك رەڭلىك گۈللەر يەلپۈنۈپ، سىزنى ئىختىيارسىز قەدىمىڭىزنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆتەكتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، پۈتۈن كەنتتىكى 300 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى 2000 مودىن ئارتۇق يەرگە زىغىر تېرىشقا يېتەكلىگەن.
خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى بىلەن زىغىر زاۋۇتىنى نۇقتىلار بويىچە تېرىش ۋە سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى تېرىشقا، زىغىر زاۋۇتىنى پۈتۈن جەرياندىكى ئۇرۇق، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە تېخنىكا ئەسلىھەلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭ جانلاندۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغان.
ھازىر، بۇ يەردىكى 2000 مودىن ئارتۇق زىغىر چېچەكلىدى. نېمىشقا بۇ جايغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلمەيسىز؟
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنىتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن كاڭ يەنجۈن تەمىنلىگەن)