تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سۇبيېكتلىق ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتەيلى

− يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ماركسىزملىق پەلسەپە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، تاشقى ئامىل ئۆزگىرىشنىڭ شەرتى، ئىچكى ئامىل ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسى، تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق رول ئوينايدۇ. 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ساغلام راۋاجلاندى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى. تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما سۇبيېكتلىق ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى. سۇبيېكتلىق ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ تولۇق نامايەندىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك سۇپىسى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېھتىياجى، ئۈمىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە كارخانىلارنىڭ مەدىتى، ياردىمىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سىرتتىن قان بېرىش بىلەن ئۆزى قان ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

«سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدۇ.» سۇبيېكتلىق ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ھەم مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرى، ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنى ساقلاپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئىجابىي تىپلارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىش، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش ئېڭىگە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق يادەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلى، ئىلغار تەجرىبىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىپ»، ئۆز ۋەزىيىتى، ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى. سۇبيېكتلىق ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش، ھەر مىللەت ئامما ھەم مەنپەئەتلەنگۈچى ھەم قاتناشقۇچى بولۇپ، جەزمەن باش پېرسوناژلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇشتەك سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالس ياردىمىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، گۈزەل يۆگىمە رەسىملەر ئېچىلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشتەك بۇرچ تۇيغۇسى، قىلچىمۇ بوشاڭلىق قىلماسلىقتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش