تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇڭسەندىكى يېشىللىق

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى

خۇڭسەن باغچىسىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى (6- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان).

1959- يىلى، ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت ئامما خۇڭسەننى كۆكەرتمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى ماتېرىيال سۈرىتى)

ئىلاۋە

سۈرەتلەردە ساقلىنىپ قالغان ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى كۆرگىنىڭىزدە، ئەسلىمىڭىزدىكى ئۆتكەن ئىشلار كاللىڭىزدىن يالت قىلىپ ئۆتەمدۇ، ھالقىمدۇ... بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر − ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر» ئىستونى ئېچىلىدۇ، شىنجاڭ گېزىتى نادىر فوتو سۈرەتلەر ئارقىلىق شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ، كۆرۈنۈشنىڭ كېڭىيىشى ئارقىلىق سىزگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىكى ئاشۇ نادىر شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

7- ئاينىڭ 8- كۈنى، بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن خۇاڭ دىڭچى بوۋاي يەنە خۇڭسەن باغچىسىغا كېلىپ، ئەينى يىلى ئۆزى تىككەن دەرەخلەرنى كۆردى. 1961- يىلى، خۇاڭ دىڭچى قىسىمدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن تۇرۇشلۇق قىسىممۇ ئەينى ۋاقىتتا خۇڭسەننى كۆكەرتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان، تاغ ئۈستى پۈتۈنلەي تاش بولۇپ، تۇپراق قاتلىمى ناھايىتى نېپىز ئىدى، بىز جوتۇ، پولات سۈمبە بىلەن تاشلىقتا ئورەك كولاپ، ئاندىن تاغ ئېتىكىدىن توپا يۈدۈپ ئېلىپ چىقىپ، ھەربىر تۈپ كۆچەتنى مانا مۇشۇنداق تىككەن.» 1988- يىلى، خۇاڭ دىڭچى قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ خۇڭسەن باغچىسىغا كېلىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. خۇاڭ دىڭچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1956- يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسىنى خۇڭسەننى كۆكەرتىشكە سەپەرۋەر قىلدى، نەچچە ئون يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، خۇڭسەن قىزىل راۋاق يېشىل دەرەخلىك، يېشىل مۇنار قىزىل تاشلىق، ئۆزگىچە قىياپەتكە ئىگە خۇڭسەن باغچىسىغا ئايلاندى. 2006- يىلى، خۇڭسەن باغچىسىنىڭ دەرىجىسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئۆستۈرۈلدى ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى يېڭى ئون چوڭ مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ھازىر ھەر يىلى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى 4 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى