تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن 1 مىليارد 430 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن جەمئىي 1 مىليارد 430 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرگەن، 437 مىڭ كىۋادرات مېتىر مەكتەپ ياتىقى قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تەستىقلىغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى تۈرى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ ياتىقى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى تۈرى، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون تۈرلەرنى يولغا قويۇش جەريانىدا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغنى نۇقتىلىق ھالدا ئېغىر نامرات ناھىيەلەر، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرگە مايىللاشتۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەركەزلىك تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 1 مىليارد 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 365 مىڭ كىۋادرات مېتىر مەكتەپ ياتىقى قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تەستىقلىدى؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 320 مىڭ كىۋادرات مېتىر مەكتەپ ياتىقى قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تەستىقلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قاتار مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىنىڭ سېلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، شەھەر، يېزا، رايونلار ئارا مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتىدىكى پەرقنى كىچىكلەتتى. نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا، 69 ناھىيە (شەھەر، رايون) دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتى ئاساسەن تەڭپۇڭ بولغان ناھىيەلەرنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ نازارىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن سۈرئەتنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى تۈرىنى پىلانلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى