تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى بولىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۆھرەت قۇربان

مەن بىر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن بىر كارخانىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا چوڭ بولدۇم، ئەتراپىمىزدىكى قوشنىلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ ئاھالىلەر ئىدى، ھەر مىللەت قوشنىلار بىللە ئولتۇراتتۇق، كۆپچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئىناق - ئىتتىپاق ئىدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل - ئىناق ئۆتەتتۇق.

كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا - ئانام كارخانىدا ئىشلەيتتى، ئۈچ ئىسمېنا ئالمىشىش يولغا قويۇلغان بولغاچقا، دائىم كېچىلىك ئىسمېنا ئىشلەيتتى. ھەر قېتىم ئاتا - ئانام كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەشكە كەتكەندە، ئەتراپتىكى قوشنىلىرىمىز بىزدىن ئۆز بالىلىرىدەك خەۋەر ئېلىپ، بىز ئاكا - سىڭىللارنى ئۆيلىرىگە باشلاپ كىرىپ، بىزگە مەززىلىك كەچلىك تاماق ۋە يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنى بېرەتتى. كەچ بولغاندا، قوشنىلار ئۆيىمىزگە كىرىپ يېشى كىچىك ئىنى - سىڭىللىرىمنىڭ يۈز - كۆزىنى يۇيۇپ، يوتقان - كۆرپىلىرىنى سېلىپ بېرىپ، بىزنى ئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ، بىزنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلاتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم سىڭلىم ئېھتىياتسىزلىقتىن ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆي سالغاندا قۇم لاي ئېتىشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن سۇ ئالىدىغان بىر چوڭ سۇ ئازگىلىغا چۈشۈپ كەتكەندە، قوشنا خەنزۇ ھاممىمىز كۆرۈپ قېلىپ، دەرھال ئانامغا خەۋەر يەتكۈزگەن، ئانام سىڭلىمنى قۇتقۇزىۋاتقاندا، قولۇم - قوشنىلار تەرەپ - تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، سۇ ئازگىلىغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئانام بىلەن سىڭلىمنى تارتىپ چىققان. بالىلىق چاغلىرىمدىكى ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىرلىكتە خۇشال - خۇرام ئوينىغان، قوشنىلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل - ئىناق ئۆتكەن گۈزەل ئەسلىمىلەر، خىزمەت قىلغاندا، توي قىلغاندا ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا قىلغان قىزغىن ياردىمى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ھەر ۋاقىت چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

2015- يىلى، مەن ۋە دوستۇم ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۈنەس ناھىيەسىگە دوستىمىزنى يوقلىغىلى باردۇق، قايتىش يولىدا ئاپتوموبىل بۇزۇلۇپ قېلىپ، يول بويىدا توختاپ قالدۇق. قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغانىدى، بىر قازاق يىگىت ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئاپتوموبىلىمىزنى بىر رېمونتخانىغا سۆرەپ ئاپىرىپ بەردى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ئۇستىسىنىڭ زاپچاسلىرى كەم بولغاچقا، ئاپتوموبىلىمىزنىڭ گېنېراتورىنى رېمونت قىلالمىدى، لېكىن ئاككۇمۇلياتورغا توك قاچىلاپ بەردى، ئاپتوموبىل داۋاملىق ماڭالايدىغان بولدى. بىز بىر تاغ جىلغىسىغا كەلگەندە، ئاپتوموبىلنىڭ توكى قالماي، ئاپتوموبىلدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇق. تاڭ ئاتاي دېگەندە، غۇلجا شەھىرىگە كېتىۋاتقان بىر خەنزۇ يىگىت بۇ يەردىن ئۆتتى، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىدا ئىككى ئاككۇمۇلياتور بار ئىكەن، ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن يول بويى ئاككۇمۇلياتورىمىزغا توك قاچىلاپ، بىزنى غۇلجا شەھىرىگىچە ئاپىرىپ قويدى، بىز ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ رەھمەت ئېيتماقچى بولدۇق، ئۇ: «ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۇچرىشىپ قالغانىكەنمىز، ياردەم قىلىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دېگىنىچە ئالدىراپ كېتىپ قالدى. مەن ئۆزۈم باشتىن كەچۈرگەن، ئەتراپىمدىكى ئاڭلىغان تەسىرلىك ئىشلاردىن تۇرمۇشتا بىز دىققەت قىلمايدىغان كىچىككىنە ئىشلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا، قەدىمدىن تارتىپ ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قان بىلەن گۆشتەك مۇستەھكەم رىشتە ئورناتقان، ھەر مىللەت خەلق بىر - بىرىگە چىڭ باغلانغان، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. مەن دائىم: نېمە ئۈچۈن كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ، چۈنكى مەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى چوڭقۇر سۆيىمەن؛ نېمە ئۈچۈن مەن بۇ تۇپراقنى شۇنچە چوڭقۇر سۆيىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىگە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار، دەپ ئويلايمەن. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلغاندىلا، ۋەتىنىمىز تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ، جۇڭخۇا ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى