تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى» لى شياڭ: نۇرغۇن جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈش بۇرچنى ئادا قىلىش

لى شياڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لىن خاۋ) تومۇز پەسلىدىكى جياڭشى يۇڭشىندا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان بولۇپ، قارىغاي، ئارچىلار ئاستىدا، لى شياڭنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلغان يۇڭشىن ناھىيەسىدىكى «جياڭجۈن سارىيى» ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. چۈشكە يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، ساراي ئىچىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، سۈرەتتىكى لى شياڭنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرەتتى.

لى شياڭ، ئەسلىي ئىسمى لى شيۇلى، 1915- يىلى جياڭشى يۇڭشىننىڭ لۇڭيۈەنكوۋ بازىرى پەنجۇڭ كەنتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لى شيۇلىنىڭ دادىسى ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەندە كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، لى شيۇلى كىچىك تۇرۇپلا ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان. 11 ياشقا كىرگەندە، تاغىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن، لى شيۇلى خۇسۇسىي مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇغان؛ 1928- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لى شيۇلى يېزا بالىلار ئۆمىكى، يېزا پىيونېرلار ئەترىتىگە قاتناشقان.

1930- يىلى 8- ئايدا، لى شيۇلى تىزىملىتىپ قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان، 1931- يىلى 1- ئايدا قىزىل 9- شى 25- تۇەننىڭ سىگنالچىلىقىغا يۆتكىلىپ، قىسىمغا ئەگىشىپ خۇنەنگە كىرگەن. جۇ دې 25- تۇەنگە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، «شيۇلى» دېگەن ئىسىمنىڭ بەكلا يېقىمسىز ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، جاي نامىنى ئىسىم قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى لى شياڭغا ئۆزگەرتكەن. لى شياڭ شۇ يىلى 4- ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن، 9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىزىل 9- شى 25- تۇەن 3- ليەندە پەيجاڭ، ليەن سىياسىي يېتەكچىسى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى بەش قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى جەڭگە قاتناشقان، ئىككى قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان.

1934- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، لى شياڭ قىزىل 1- يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغان، بۇ مەزگىلدە جەڭدە بىرقانچە قېتىم يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن قىسقا مەزگىل دەم ئالغاندىن كېيىن، لى شياڭ يەنىلا قوشۇنغا يېتىشىۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەنئەنگە يېتىپ بارغان.

1937- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى، لى شياڭ بۇيرۇققا بىنائەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، پىڭشىڭگۇەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونى 1- شۆبە رايونى دېڭخۇا تارماق ئەترىتىدە ئۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، 11- ئايدا يىڭجاڭ بولغان. 1938- يىلى ئەتىيازدا، لى شياڭ قوشۇننى باشلاپ شەرقىي خېبېيغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن، يول ئۈستىدە ئارقا - ئارقىدىن چاڭپىڭ، يەنچىڭ، يۇڭنىڭ، سىخەي قاتارلىق مۇھىم بازارلارنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان، بېيپىڭنىڭ خۇەيروۋ جىلغىسىدا ئۈچ سائەتتە ياپون ئارمىيەسىنىڭ بىر ئوتتۇرا ئەترىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان.

1940- يىلى 8- ئايدا، لى شياڭ 6- تۇەننىڭ تۇەنجاڭى بولغان. شۇ ئايدا، لى شياڭ پۈتۈن تۇەننى باشلاپ مەشھۇر «يۈز تۇەن ئۇرۇشى»غا قاتناشقان. 1942- يىلى 1- ئايدا، لى شياڭ 3- شۆبە ھەربىي رايونى 2- تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭلىقىغا يۆتكەلگەن؛ 1944- يىلى 9- ئايدا، 3- شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۇەنلىكىگە تەيىنلىنىپ، قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ ياپون ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، دىڭشيەن، تاڭشيەن، چۈياڭ قاتارلىق ناھىيە بازارلىرىنى قايتۇرۇۋالغان.

1946- يىلى 6- ئايدا، لى شياڭ سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونى تەلىم - تەربىيە لۈيىنىڭ لۈجاڭى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان. 1949- يىلى 1- ئايدا، 19- بىڭتۇەن 64- جۈن 191- شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان، قىسىمنى باشلاپ پىڭجىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1950- يىلى 8- ئايدا، لى شياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 67- جۈننىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى، قوشۇمچە سەنمۇجاڭى بولغان. شۇ يىلى 11- ئايدا يەنە 67- جۈننىڭ جۈنجاڭلىقىغا، قوشۇمچە تاڭ (شەن)، چىن (خۇاڭداۋ) گارنىزون رايونىنىڭ سىلىڭيۇەنلىكىگە تەيىنلەنگەن.

1951- يىلىنىڭ بېشىدا، لى شياڭ بۇيرۇققا بىنائەن پىدائىي قىسىم 67- جۈننى باشلاپ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇش قىلغان. 4- ئايدا، ئۇ ئۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، رازۋېدكا سەنموۋسىنى باشلاپ ۋە ئالاقىلىشىش تېلېگرامما ئاپپاراتىنى ئېلىپ، ئالدى بىلەن قىسىمدىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن چاۋشيەنگە كىرگەن. چاۋشيەنگە كىرگەندىن كېيىن لى شياڭ دەرھال مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان رايوننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، 67- جۈننىڭ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن ئالدىنقى مەزگىلدىكى تەييارلىقنى تولۇق ياخشى قىلغان.

1951- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسى 67- جۈننىڭ بازىسىغا پىيادە قىسىم، ئايروپىلان، زەمبىرەك، تانكىلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغان، لى شياڭ قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ باتۇرلۇق بىلەن شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ 1000دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان؛ 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، دۈشمەن ئارمىيەسى تۆت شى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن لى شياڭ، كۇاڭ فۇجاۋ قوماندانلىق قىلىپ قوغداۋاتقان جىنچېڭنىڭ جەنۇبىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان بازىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان، 67- جۈندىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەر لى شياڭنىڭ قوماندانلىقىدا، بازىغا تايىنىپ قەيسەرلىك بىلەن توسۇپ زەربە بېرىپ، ئۈچ كۈندە دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ 17 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىشتەك ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

1952- يىلى، دۈشمەن ئارمىيەسى «ئەتىياز پەسىللىك ھۇجۇم»نى قوزغاش ئالدىدا، لى شياڭ ئاغرىپ يېتىپ قالغان. جەڭگە قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئارقا سەپتىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، لى شياڭنىڭ كېسەل ئەھۋالى تېز يامانلىشىپ، باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشتىن قان بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە مېڭە پەردە ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن، داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغانلىقتىن، 1952- يىلى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋاپات بولغان، شۇ يىلى ئاران 37 ياشتا ئىدى. لى شياڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جىن رىچېڭ ئۇنى «ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى» دەپ تەرىپلىگەن. چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 1- دەرىجىلىك دۆلەت بايرىقى ئوردېنى بەرگەن.

«بىز چوقۇم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ھازىرقى بەختىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى جياڭشى ئۆلكىسى يۇڭشىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى يىن شىڭخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى