تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرايلى

بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى، پەن - تېخنىكا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جىبېك

مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇرۇلتوقايلىق، كىچىك ۋاقتىمدا قاراماغاي بازىرىدا ياشىغان، ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان يۇرتداشلار، قوشنىلار ئۆزئارا شاد - خۇراملىققا چۆمۈپ، ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەيتتۇق. شۇ چاغدا ئۆيىمىزنىڭ كەينىدە ئۇن دۇكىنى ئاچىدىغان خۇاڭ ئۇستام ئولتۇراتتى، پۈتۈن يېزا بويىچە پەقەت ئۇنىڭ ئۆيىدىلا گېنېراتور بار ئىدى. ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل بولمىغاچقا، يېزىدا پات - پات توك توختاپ قالاتتى، توك توختىسىلا خۇاڭ ئۇستام تەشەببۇسكارلىق بىلەن گېنېراتورنى قوزغىتىپ، قوشنىلارغا ھەقسىز توك يەتكۈزۈپ بېرەتتى، بەزى قوشنىلار پۇل بەرمەكچى بولسا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى پۇلنى ئېغىزغا ئالسا قانداق بولىدۇ» دەيتتى. ئادەتتە ئۇ ھەمىشە ئۆزى تېرىغان كۆكتاتلارنى قولۇم - قوشنىلىرى بولغان بىزلەرگە بېرەتتى، قوشنىلارمۇ ئۇنىڭغا سۈت، قۇرۇت، نان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بېرەتتۇق، كۆپچىلىك ئىنتايىن ئىناق ئۆتەتتۇق.

2000- يىلى، مەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، گۈزەل خاڭجوۋ شەھىرىگە كېلىپ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇپ، ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەربىيەنى قوبۇل قىلدىم. خاڭجوۋغا يېڭى كەلگەندە، مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم، سۈن مۇئەللىم مېنى سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى، بۇنى ھازىرغىچە ئۇنتۇمايمەن. سۈن مۇئەللىم بىز شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ئىدى، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە بىزنى ئۆز بالىسىدەك كۆرەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەكتەپكە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەكتەپ ئىمتىھان ئالدى، كىچىكىمدىن نەتىجەم ئەلا بولۇپ كەلگەن مەن تۇنجى قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم، ئۆيدىكىلەرگە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. مەن قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشىمگە بولغان ئىشەنچىمنى يوقاتتىم. سۈن مۇئەللىم سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، ماڭا ياردەملىشىپ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ماڭا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشىدە، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋۇخەن داشۆسىگە ئۆتتۈم. ئالىي مەكتەپتە مەن ئوخشاشلا ئائىلە كەبى ئىللىقلىقنى ھېس قىلدىم. ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ چەكسىز كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم.

پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەر مىللەت ئاممىغا تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى، مەن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنىڭ كېلىشى بۇرۇلتوقايدىن ئىبارەت بۇ كىچىك شەھەرگە يېڭى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. ئۇلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى بىلەن داچىڭ مەيدانى، يەسلى... قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. مېنىڭ خىزمەتدىشىم لى جياڭخۇي دەل مۇشۇنداق چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كەچكەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر. ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئۇ ھەمىشە ئالدىراشلا بولۇپ، نەچچە ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيتتى. ئۇنىڭدىن نېمە قىلغىلى ماڭدىڭىز دەپ سورىغىنىمدا، يا ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۈرلەرنى تەكشۈرۈشكە ماڭغان، يا قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈشكە ماڭغان بولاتتى. مەيلى «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بولسۇن ياكى «1- ئۆكتەبىر»لىك دەم ئېلىش مەزگىلىدە بولسۇن، ئۇ ھەمىشە خىزمەت ئورنىدا ئالدىراش ئىدى. ئۇ: گەرچە يىراق خېيلۇڭجياڭدىكى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىساممۇ، لېكىن شىنجاڭدا يەنە قازاق تۇغقانلىرىم بار، دەيتتى. ئۇ تۇغقانلىرىغا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەتتى، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى، تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھېسسىياتى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

سۈن مۇئەللىم، لى جياڭخۇيلاردىن باشقا، يەنە قاراماغاي بازىرىدىكى يۇرتداشلار خۇددى ھاياتىمدىكى چىراغقا ئوخشاش ھەر ۋاقىت ماڭا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇردى. مەن ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ ۋە قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى