تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرەيلى

− يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز جەزمەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

بىنا بىر تۈپ دەرەخنىڭلا ياغىچىدىن پۈتكەن ئەمەس. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە سېلىنغان مەبلەغنىڭ زورلىقى، قاتناشقان خادىملارنىڭ كۆپلىكى، قاپلىغان ساھەلەرنىڭ كەڭلىكى مىسلىسىز بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى زور دەرىجىدە چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش رايون ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ياخشىلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، قايسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنلەشكە ئەرزىيدىغانلىقى، قايسى ئېسىل ئەنئەنىلەرنى جارى قىلدۇرۇشقا بولىدىغانلىقى، يەنە قايسى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، قايسى كەمتۈكلۈكلەرنىڭ تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، قايتا ئويلىنىشىمىز كېرەك. نەتىجە - تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش بىلەن بىللە، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرگە تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ھەل قىلىپ، بولۇپمۇ پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنالايدىغان، مەسىلىلەرنى قوغلىشىپ ماڭالايدىغان، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇشنى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلساقلا، ئاندىن خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىش، ئىلمىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ خاس كەسىپ، يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ كەسىپ تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەبلەغ تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىشىنى قوللاپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈش سۇپىسى قىلىپ، تەكشۈرۈش، باھالاش - باھا بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلارنى غەيرەتكە، سەھنىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پەقەت ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتقاندىلا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر دائىم غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي - تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ. پەقەت بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باشتىن - ئاخىر ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشتەك پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەر دائىرىسى، نىشان مەركىزىنى توغرىلاشتەك مەسىلە ئېڭى، تۆمۈر - تاشتا ئىز قالدۇرىدىغان ئەمەلىي تەدبىر بىلەن، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرساق، پۇختىلىساقلا، چوقۇم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى