ئاپتورى: چىڭ شۇەنۋېي
خىزمەت ئورنى: تۇرپان شەھىرى چىلىمىي (يەتتە سانتىمېتىر) تاراتقۇ شىركىتى
قىسقا فىلىم چۈشەندۈرۈلۈشى:
بۇيلۇق يالقۇنتاغ جىلغىسىدىكى ئەڭ چوڭ جىلغا، ئۇ خۇددى بىر يېشىل لېنتىغا ئوخشاش ئويمانلىقنىڭ مەركىزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. بۇ جاي شۇ قەدەر جىمجىت بولۇپ ئىسسىقتىن دالدىنىدىغان، سەيلە-ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرىلىك جاي ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچى بۇ جايغا كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىدۇ. بۇيلۇقتا سىز تەبىئەت ئاتا قىلغان ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، دۇنيادىكى ئەڭ تاتلىق ئۈزۈملەرگە ئېغىز تېگىپ، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قىزغىن ئۇسسۇلىغا جور بولالايسىز.