تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[شىنجاڭدىكى بايقاش] «ئۇچرىشىش»

  ئاپتورى: ئەكرەمجان پەرھات

  خىزمەت ئورنى: ئورقۇ بازارلىق ھۆكۈمەت

  فىلىمنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى: فىلىمدە ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بىپايان، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەللىكى نامايان قىلىنغان. ئەيرىك كۆلى قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 16 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، بەيياڭخې دەرياسى سۈيىنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن، ئۇ قاراماي شەھىرى تەۋەسىدىكى بىردىنبىر كۆل ھېسابلىنىدۇ. چوڭ جىلغا ئورقۇنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، تۈز سىزىق ئارىلىقى 417 كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ جىلغىدىكى دەل-دەرەخلەر باراقسان، ئورمانلار قويۇق، دەريا سۇلىرى سۈزۈك بولۇپ، يازدا سالقىن كۈزدە راھەت، دەريا بويلىرىدا توغراقلار ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەر توغراقلىقنى «مىڭ يىلغىچە قورۇمايدۇ، قۇرۇسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دەپ تەرىپلىشىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى