تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[شىنجاڭدىكى بايقاش] «توغراق»

ئاپتورى: ئابلېتىپ راخمان

خىزمەت ئورنى: يوق

قىسقا فىلىم چۈشەندۈرۈلۈشى:

شايارنىڭ جەزبىدارلىقىنى بارلىق مەۋجۇداتلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان تارىم دەرياسىدىن، ھاياتىي كۈچىنى بولسا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەزىم ئاققان تارىم دەرياسى شايارنىڭ مول بولغان سۇ مەنبەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، چوڭ-كىچىك كۆللەر زىچچىدە تارقىلىپ، شايارنى قۇملۇقتىكى ئەڭ پارلاق بوستانلىققا ئايلاندۇردى. يۇقىرى بوشلۇقتىن نەزەر تاشلىسىڭىز، ھەيرانلىق ئىلكىدە، قەدىمىي توغراقلىق زېمىنىدا بىر ھەيۋەتلىك يېشىل سەددىچىن سېپىلىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بايقايسىز. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىلۋەت زېمىندا توغراق «جىننېس» رېكورتى يارىتىلدى. بىپايان قۇملۇقتا سان-ساناقسىز خەزىنە يوشۇرۇنغان، ئالتۇن رەڭلىك قۇم-شېغىل ئاستىدا قارا رەڭلىك ئالتۇن ئاقىدۇ، بۇ ۋاقىتنىڭ شايارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى