تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[شىنجاڭدىكى بايقاش] «قار-مۇز ئاسمان-زېمىن ئارىسىدا قايناق ھېسسىياتقا تولغان نارات»

ئاپتورى: قاناس باخىتكېلدى

خىزمەت ئورنى: سۇجوۋ داشۆ

فىلىمنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى:

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا، بىر كىچىك بازار بار، ئۇنىڭ ئىسمى كۈنەس، بۇ يەر مېنىڭ يۇرتۇم. نۇرغۇن كىشىلەر دائىم يىراقلارغا توختىماي تەلپۈنىدۇ. يىراقلاردا تاغلار، سۇلار، دېڭىز ۋە قۇملۇقلار بار، سىز ئارزۇ قىلىدىغاننىڭ ھەممىسى بار. قىشتا بۇ يىراق جاي ئاق رەڭلىك دۇنياغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئاپئاق قارلار بار، ئەمما قىلچە بىئاراملىق ھېس قىلمايسىز؛ ئۇنىڭدا يەنە شاماللار بار، ئەمما ھەرگىز ئاچچىق سوغۇقنى ھېس قىلمايسىز. بۇ كەڭ كەتكەن ئاپئاق زېمىندا، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغان رەڭلەر، خۇددى نۇرغا ئوخشاش جۇلالىق؛ كەڭ دالادا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان سايىلەر، خۇددى شوخ زېرەكچاقلارغا ئوخشايدۇ؛ سىرتتىكى سوغۇق ھاۋادىن ئىللىق ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە، مەيلى بىر ئىستاكان ئىسسىق قەھۋە بولسۇن ۋە ياكى بىر پىيالە قىزىق چاي بولسۇن، ئۇنىڭ ئىللىتىدىغىنى بەدىنىڭىزلا ئەمەس، بەلكى شاۋقۇن-سۈرەندىن يىراقلاشقان قەلبىڭىز؛ ئەگەر سىز قىش پەسلىدىكى ئەنە شۇ يىراق جاينى ئىزدىسىڭىز، ئۇ دەل مېنىڭ يۇرتۇم-كۈنەس، كۈنەستە شۇ يىراق جايغا ئەڭ يېقىن بولغىنى، ئۇ دەل نارات خەلقئارا قار تېيلىش مەيدانى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى