ئاشخانىمىزدىكى بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، ھۆسۈن تۈزەش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى.
ئاق شېكەرنى ئېزىپ، يۈزنى يۇيۇپ بەرسە تېرىنى ئاقارتىدۇ. ئاق شېكەر تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، كۈندىلىك تاماق ۋە ھەر خىل قورۇمىلارنى قورۇشتا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز. ئۇنىڭ ھۆسن تۈزەش ساھەسىدىكى رولىمۇ چوڭ بولۇپ، يارا ئىزىنى يوقىتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، ئاقارتىش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، ھەتتا دانىخورەك يوقىتىش رولى كۈچلۈك ئىكەن. ئالىملار ئاق شېكەردىن «شېكەر شىرنىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پولىساخارىدنى بايقىغان، بۇ خىل ماددىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇڭا ئاق شېكەر بىلەن يۈز يۇيغاندا، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
سۈتنىڭ نەملىك ساقلاش، ئاقارتىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، قورۇق يوقىتىش رولى بار. سۈت تەركىبىدە مول مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن دائىم يۈز چاپلىقى، تېرە ئاسراش مەلھىمى ياسىلىدۇ.
ئاش تۇزىنىڭ قارا تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىش رولى بار. نۇرغۇن كىشىلەر ئاش تۇزىنى يۈز يۇيۇش مەلھىمىنىڭ ئورنىدا تەر تۆشۈكچىلىرىنى تازىلاشقا ئىشلىتىدۇ، سودا قوشۇپ ئىشلىتىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېرە ئاسراشتىكى مەخپىي رېتسېپى بولۇپ قالدى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاش تۇزىنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ئارتۇقچە ياغ ۋە مۈڭگۈز ماددىسىنى تازىلاش، يىرىك تۈك تۆشۈكچىلىرىنى يىغىش رولى بار ئىكەن.
بىراق ئاش تۇزىنىڭ ماينى كونترول قىلىش، دانىخورەكنى يوقىتىش، تازىلاش ۋە داغ يوقىتىش ئۈنۈمىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، يىرىك تۇز بىلەن بۇرۇننى تازىلىغاندا ، ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا يېرىلىش، يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ بىلەن تېرىنى تازىلىغاندا، مايلىق كۆرۈنۈپ، ئىشلىتىش سېزىمى ياخشى بولمايدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى