تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

  مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: خەيرلىك سەھەر دوستلار، ئەتە ھەپتە ئاخىرى، بۈگۈن ياخشى كەيپىياتتا ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئەتە خۇشال-خۇرام ئوينىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۈگۈن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ℃35 ~ ℃37 قىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسىمەن رايونلىرى ۋە شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىن يۇقىرى بولىدۇ، شەرقىي شىنجاڭدا، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃45 تىن يۇقىرى بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن كۈندۈزدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃33، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃24 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى يول بۆلەكلىرىدە ℃35 تىن ℃37 قىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە G30، G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن سانجىغىچە بولغان بۆلىكى، تۇرپاندىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئورقۇدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ ئورقۇدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ جەرەنبۇلاقتىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ فۇكاڭدىن جىمسارغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسى شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان قىسمەن لىنىيە بويلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىن يۇقىرى بولىدۇ، G30، G312 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان قىسمەن لىنىيە بويلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃45 تىن يۇقىرى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى