تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى بۇ يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

  مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ لىنىيە بويىدا ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ زاپاس سۇ ساقلىۋېلىشىنى ئەسكەرتتى.

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10دىن 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10غىچە، چيەنتاڭجياڭ يولى، چاڭجياڭ يولى، خۇاڭخې يولى، ياڭزىجياڭ يولى، خېيلۇڭجياڭ يولى، جىڭيى يولى، جىڭئېر يولى، خوتەن كوچىسى، غۇلجا يولى، ۋۇيى يولى، گۇچۇڭ يولى، كېرىيە يولى، گۇڭيۈەن جەنۇبىي كوچىسىنى بويلىغان لىنىيەدە قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن سۇ توختايدىكەن، گۇڭيۈەن شىمالىي كوچىسى، لەنشيۇيۈەن غەربىي كوچىسى، شىخۇڭ يولى، بايىنغولىن يولى، دوستلۇق يولى، بىڭخې يولى، غەربىي شىمال يولى، ئالتاي يولى، نەنچاڭ يولىنى بويلىغان لىنىيەدە قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن سۇ بېسىمى تۆۋەن بولىدىكەن.

   ئەگەر ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ توختاش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى