ئانا ئاق قۇ بالىلىرى بىلەن بىللە.
دادا ئاق قۇ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ ماڭدىمۇ نېمە؟
بەختلىك ئاق قۇ ئائىلىسى.
بەختلىك ئاق قۇ ئائىلىسى.
بەختلىك ئاق قۇ ئائىلىسى.
ئاق قۇلار بىر-بىرىگە قەلب ئىزھار قىلىشماقتا.
بەختلىك ئاق قۇ ئائىلىسى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن، ئىختىيارىي مۇخبىر چاڭ تيەنشۆ). 4-ئاينىڭ باشلىرىدا، بىر جۈپ ئاق قۇ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىدىكى ساز كۆلىگە كېلىپ، قاناتلىرىنى قېقىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىر-بىرىگە قەلب ئىزھار قىلدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر تۆت ئاق قۇ بالىسى بۇ يەردە تۇخۇمدىن چىقىپ چوڭ بولدى. ساز كۆلى بۇ ئاق قۇلارنىڭ بەختلىك ماكانىغا ئايلاندى، ئاق قۇلار كۆل يۈزىدە خۇشال-خۇرام ئويناپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بەختتىن ھۇزۇر ئالدى.
بارلۇق قارلىق تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇنغان ساز كۆلى «جۇڭگونىڭ ۋالدېن كۆلى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردىكى، قارلىق تاغ، كۆل، ئوتلاق، كالا، قوي، كىگىز ئۆي...ھەممىسى خۇددى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغاندەكلا. كۆركەم ئاق قۇلار تومۇز ئىسسىق مەزگىلىدە ساز كۆلىدە خۇددىي چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
«ئاق قۇ كىلىمات، مۇھىتقا نىسبەتەن تەلىپى يۇقىرى جانلىق، ئۇلارنىڭ ساز كۆلىدە ماكانلىشىشىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تولى ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلانغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر ساز كۆلى ئاق قۇ، ھاڭگىرت قاتارلىق ياۋا سۇ قۇشلىرىنىڭ ياخشى ماكانىغا ئايلاندى،» دېدى تولى ناھىيەسىدىكى ئاق قۇلارنى ئىز قوغلاپ سۈرەتكە تارتىدىغان فوتوگراف ھەۋەسكارى چاڭ تيەنشۆ.