تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نەتىجىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيلى  مېھىر - شەپقەتنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايلى

− يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدى، چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى.

ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، باش شۇجى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقلارنى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم 2- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، پۇقرالارنىڭ بەختى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پىلانلىدى ۋە ئالغا سىلجىتتى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئالاھىدە مۇھىم، زور قوللىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى؛ مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى؛ مەڭگۈ كەتمەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇردى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى،جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەممىلا يەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ سىڭدۈرۈۋاتقان ئەجرى بار، ھەممىلا يەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن كەلگەن مول نەتىجىلەر بار. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك ۋاقتىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بېغىشلىدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە سېلىنغان مەبلەغنىڭ زورلۇقى، قاتناشقان خادىملارنىڭ كۆپلۈكى، قاپلىغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى مىسلىسىز بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى زور دەرىجىدە چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلدى. پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

بېلىق سۇنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك، بەختنىڭ مەنبەسىنى بىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مول نەتىجىلىرىنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن مەڭگۈ مىننەتدار بولىدۇ، شۇنداقلا چوقۇم بۇ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشى، چىڭ تۇتىشىشىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش