ئاپتورى: ياڭ شىڭفۇ، كۇڭ دېخۇا
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ۋۇجىياچۈ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
قىسقا فىلىم چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئالدى-كەينىدە، ۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭگېداخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا كۈركۈم گۈللىرى بەس-بەستە ھۈپپىدە ئېچىلىپ، قاتار كەتكەن قىزىل، سۆسۈن، ھالرەڭ، سېرىق رەڭدىكى كۈركۈم گۈلى «گۈل دولقۇنى»نى ھاسىل قىلىپ، ھەر خىل شەكىلگە كىرىپ، كۈركۈم گۈلى دېڭىزى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. باغنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئوماق بالىلار گۈللۈكتە قىزغىن ئوينىشىپ، ھۆسنى گۈلدىن قېلىشمايدىغان ئۇز چىراي قىزلار گۈل ئارىسىدا گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ، ھەممىلا يەردە فوتو ئاپپاراتلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ساياھەتچىلەر بۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاۋات مەنزىرە قوينىدا ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. 160 خىل 2 مىليون تۈپ كۈركۈم گۈلى ئۈرۈمچى، سانجى ئەتراپىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، ۋۇجياچۈنى سىرتقا تونۇشتۇرغان ئالتۇن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.