تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

6-شى 103-تۇەندىكى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىلغان قوغۇنلار پىشتى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما دېسۈن): «بۇ يىل، مەن تېرىغان ھەر مو يەردىكى قوغۇنلارنى 4200 يۈەنلىك باھادا جېجياڭلىق سودىگەرلەرگە سېتىپ بەردىم، 50 نەچچە مو سالاھىيەت يېرىدىن تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، 6-شى 103-تۇەن 9-ليەننىڭ خىزمەتچىسى ليۇ شۇاڭزۇڭ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

ليۇ شۇاڭزۇڭ ئۆزىنىڭ 50 مودىن ئارتۇق سالاھىيەت يېرىدىن باشقا، 103-تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرى ۋە ئەتراپ تۇەن-چاڭلاردىن 700 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە قوغۇن تېرىدى، سىرتتىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۇ تېرىغان ھەرمو يەردىكى قوغۇننى 4000 يۈەندىن ئارتۇق باھادا بالدۇرلا تالىشىپ سېتىۋالدى، ئۇنىڭ كىرىمىنىڭ بىر مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

103-تۇەننىڭ قوغۇن تېرىش تارىخى 60 يىلدىن ئاشىدۇ. بۇ يىل بۇ تۇەن قوغۇننى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىشنى يولغا قويۇپ، كۆچۈرۈپ تىكىش+لاپاس يېپىش+نورمال بېسىمدا تېمىتىپ سۇغىرىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش+نورمال بېسىمدا تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىپ، شىجوۋمى 17-نومۇر، شىجوۋمى 25-نومۇر قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەلا سۈپەتلىك قوغۇنلارنى تېرىپ، سىناق تېرىلىدىغان قوغۇن يېڭى سورتىدىن 15نى كىرگۈزۈپ، قوغۇن يېڭى سورتىدىن 10نى كېڭەيتتى. بۇ تۇەن دېھقانلارنىڭ زىيانسىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام بەردى ھەمدە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرنى پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى تەمىنلەشكە تەشكىللەپ، قوغۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ تۇەن 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە قوغۇن تېرىغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى