تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى: خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدە يازلىق تەتىللىك سىنىپ ئاچتى

  مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، پراكتىكانت مۇخبىر كاڭ يۆ خەۋىرى: «بالىلار، ماقالە يېزىشنىڭ ئالتە ئامىلى قايسىلار؟» «ۋاقىت، ئورۇن، شەخس ...» 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى باجياخۇ مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شۈ يىڭ يازلىق تەتىللىك سىنىپقا قاتناشقان 30غا يېقىن ئوقۇغۇچىغا ماقالە يېزىش توغرىسىدا دەرس سۆزلىمەكتە. مەھەللىدە يازلىق تەتىللىك سىنىپ بارلىقىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن ئاتا-ئانا بەس-بەستە كېلىپ مەسلىھەت سورىدى ۋە تىزىملاتتى.

  بۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ قۇرغان يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسى بولۇپ، كۇرستا تاپشۇرۇققا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسى، ماقالە يېزىش دەرسى، ناخشا-مۇزىكا دەرسى، رەسىم سىزىش دەرسى قاتارلىق دەرسلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلىش، قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.

  ماقالە يېزىش دەرسلىكىدە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى شۈ يىڭ ماقالە يېزىشتىكى مۇھىم ئامىللاردىن تۈرلۈك يېزىقچىلىق ئۇسۇللىرىغىچە توختىلىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ زىخەن مەھەللىدىكى يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسىدا ماقالە يېزىش سىنىپىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ،  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇنىڭغا قاتناشتى. «بۇ يەردە نۇرغۇن كىچىك دوستلار بىلەن تونۇشالايمەن، يەنە ماقالە يېزىش بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيمەن، مەن بەكلا ياخشى كۆردۈم» دېدى جاڭ زىخەن.

  «ھازىرغا قەدەر، يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسىغا 100دىن ئارتۇق بالا قاتناشتى، تەخمىنەن ھەر بىر سىنىپتا 30تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار، كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە باشقا قىزىقىش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈپ، بالىلارغا بىلىم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىمىز.» دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يوۋ چېڭكۇن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش ئۆز ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە ھەقىقىي ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر.»

مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش