تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

[نۆل ئارىلىق] ۋۇجىن «مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆمىكى» نىلقىدا مائارىپقا ياردەم بەردى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جەزىرە نىسبەك): 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھىرى ۋۇجىن رايونىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى يەتتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى نىلقا ناھىيەسىدىكى بىر ئايلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، ئوتتۇرىچە يېشى 54 ياش بولغان بۇ «مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆمىكى» نىلقا ناھىيەسىدىكى يەتتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، دەرسخانىدا نۇقتىدا تۇرۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقات-مۇھاكىمىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە ئەقلىي كۈچ بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق، دەرس ئاڭلاپ باھالاشنى 45 سائەت قېتىم، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى 70 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنىدىن 17 مەيدان ئېچىپ، مەخسۇس لېكسىيەدىن توققۇز مەيدان ئۆتكۈزدى.

  يەرلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدىكى كەسپىي باشقۇرۇش، سۈپەت باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلىرى ۋە ئاجىز ھالقىلىرى، شۇنداقلا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زامانىۋى كۆپ خىل ۋاسىتىلەر تېخنىكىسىنى قوللىنىش، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، «مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆمىكى» ئوقۇتۇش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى قانداق ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا زور مىقداردا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى