«قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر تۇغقىنىمنىڭ ياردىمىدە ناۋايخانامنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ نانلار مېنى بېيىش يولىغا باشلىدى.» يېقىندا، ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى ئالاقاق بازىرى ئالاقاق كەنتىدىكى بارات ئۇمزاق شۇنداق دېدى.
بارات ئەسلىدە ئۇ يەر-بۇ يەردە ئىشلەمچىلىك قىلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بولۇپ، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئالتاي شەھەرلىك باج ئىدارىسىدىكى ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئامال ئىزدەپ، چىقىش يولى تېپىپ بەردى، باراتنىڭ نان يېقىش ھۈنىرىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ناۋايخانا ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى.
كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل 1-ئايدا باراتنىڭ ناۋايخانىسى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى. ناۋايخانىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى بۇ ناۋايخانىغا كېلىپ نان سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
«ئالاقاق كەنتى بازارلىق ھۆكۈمەتكە ناھايىتى يېقىن، ئەتراپتا يەنە بەش كەنت بار، بارات داۋاملىق مۇشۇنداق سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلسىلا، نان سېتىش يولى راۋان بولىدۇ.» قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان شۈ دۇڭنەن شۇنداق دېدى، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، شۈ دۇڭنەن باراتقا ياردەملىشىپ، ناننى خالتىلارغا قاچىلاپ ئەتراپتىكى تاللا بازارلىرىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن.
«قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر تۇغقىنىمنىڭ ماڭا سىرداش يول باشلىغۇچى بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. تىجارەت باشلاپ بۈگۈنگىچە، ھەر ئايلىق ساپ كىرىمىم 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. مەن بىر مەزگىلدىن كېيىن ماركا ئىلتىماس قىلىپ، كۆلەمنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، يەنە نان ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» بارات تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى. (ئالتاي ۋىلايەتلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)