تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش  يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ئورگان پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش

يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ئورگان پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى باش تېما تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى، پېشقەدەم كادىرلىرى سۆھبەتلىشىش - تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يىغىنى، بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم دائىمىي كومىتېتتىكى بىر قىسىم ئورگان، باشقارما، ئىشخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كۆپچىلىك باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئاساسىي قاتلام ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆپچىلىك باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ نۇرغۇن قىممىتى بار، سالمىقى بار پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بولۇپمۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئورۇنلۇق ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە نىسبەتەن، بىز بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، ھازىر تۈزەتكىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەرەلىدە تۈزىتىپ، ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، سىجىل تۈزىتىپ، خەلق ئاممىسىغا ئۈنۈمنى ھەقىقىي كۆرسىتىمىز.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن داۋاملىق كۆپرەك چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، كۆپرەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ھەل قىلىپ، ياخشىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ياخشىلاپ، تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنى تەڭشەپ، ئەلرايىغا ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەم ئالىمىز. ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە نامايان قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دائىمىي كومىتېت بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى؛ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نىزام چىقىرىش ئارقىلىق شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىشى؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى