تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات - سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، تۈركۈم - تۈركۈم نادىر بەدىئىي ئوبرازلارنى ياراتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلق مەركەز قىلىنغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، ئەدەبىيات، تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، ئەلنەغمە، سېرك، خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر، سەنئەتكارلارنى چاقىرماقتا. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش - يېتەكلەش، ئالاقىلىشىش - ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش، تەلەپچان بولۇش - ھوقۇق قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەپ، يېڭى دەۋرنى يېزىپ، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، مىللەتكە يۈز كېلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.